7 مەن ئۇنى ھازىرلا ئۆسەك گەپلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن.» _ دېدى.
بۇ چاغدا پادىشاھ سانخېرىب ئېفىيوپىيە پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ بارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى ۋە سەركەردىلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرقانچىسى بىرلىكتە ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى.
ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىدىن ۋەھىمىلىك ئاۋاز كەتمەيدۇ، ئۇلار ئاسايىشلىق كۈنلىرىدە قاراقچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.
خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇلار ھالاك بولىدۇ، خۇدانىڭ غەزىپى تۇتسا جېنىدىن جۇدا بولىدۇ.
چۈنكى ئىگىمىز ئارراملارنىڭ قوشۇنىغا جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ، ئاتلارنىڭ، يەنى زور بىر قوشۇننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئاۋازىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى خىت ۋە مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىغا پۇل بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا ياللاپتۇ» دېيىشىپ،
تىكەن يېقىلىپ ئوچاقتا قازان سەزگۈچە ئىسسىقىنى، ئى خۇدا، يوقۇتىۋەتكىن ئۇلارنى _ ياش-قېرىلارنىڭ ھەممىسىنى.
سېنىڭ بۇ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن ئەمدى قارمىقىمنى بۇرنۇڭدىن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، سەن قانداق كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»