Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 37:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ چاكىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 37:6
16 Referans Kwoze  

ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «ئېھتىيات قىل، جىددىيلەشمە ۋە قورقما. سۈرىيە پادىشاھى رىزىن ۋە رىماليانىڭ ئوغلىنىڭ غەزىپىدىن بوشاپ كەتمە. ئۇلار خۇددى ئوتى ئۆچكەن ئوتۇننىڭ ئىسىدۇر.


قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرگە مۇنداق دەڭلار: «جاسارەتلىك بولۇڭلار، قورقماڭلار. قاراڭلار، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى جازالايدۇ. ئۇ، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئۇ كېلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ.»


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرگە قارىماي، ئىبادەتخانا مەسئۇلىغا: - قورقمىغىن! ئىشەنچىڭ بولسۇن، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - نېمانچە قورقىسىلەر! تېخىچە ئىشەنچىڭلار يوقمۇ؟ - دېدى.


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئۇلاردىن قورقما، مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋەت، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلا.


بەشىڭلار يۈز ئادەمنى، يۈزۈڭلار تۈمەن ئادەمنى قوغلايسىلەر، دۈشمىنىڭلار قىلىچىڭلاردا ھالاك بولىدۇ.


بىراق مۇسا ئۇلارغا: _ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر.


پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئەلچىلىرى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن،


ئەي ھەققانىيلىقنى بىلگەنلەر، مېنىڭ قانۇنلىرىمنى قەلبىگە چىڭ پۈككەنلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! باشقىلارنىڭ سىلەرنى ھاقارەتلىشىدىن قورقماڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەرنى ئاھانەت قىلىشىدىنمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite