Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 37:36 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

36 ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 37:36
29 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمنى جازالاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى ئۇنىڭ ماختانچاقلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن جازالايدۇ.


شۇ كېچىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا چۈشۈپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.


«ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىنسانلار ياسىمىغان بۇ قىلىچ ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار ئىنساننىڭ قولى بىلەن ياسالمىغان بۇ قىلىچتىن قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى قۇل قىلىنىدۇ.


نۆۋەت يېرۇسالېمغا كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىنى كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: _ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى.


ھىرود خۇداغا تەئەللۇق شان-شەرەپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرىشتىسى شۇئان ئۇنى ئۇردى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتلاپ ئۆلدى.


ئۇلار قارىماققا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن تېزلا غايىب بولىدۇ، ئۇلار يەرگە ئۇرۇلۇپ، باشقىلاردەك ھالاك بولىدۇ. خۇددى باشاقلاردەك ئورۇپ كېتىلىدۇ.


داۋۇت قارىغانىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقىدا قولىدىكى قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىمگە يۆگەنگەن بولۇپ، ئۇلار يەرگە باش قويدى.


ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرى سىلىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچ ئاي قوغلاپ يۈرسۈنمۇ؟ ياكى ئۈچ كۈن پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بولغان ۋابا تارقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلسۇنمۇ؟ قېنى دېسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرەي؟


ئۇ كېچە پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلق ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. چۈنكى ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئائىلە يوق ئىدى.


چۈنكى پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بۇ زېمىننى كېزىدۇ. پەرۋەردىگار ئىشىك بېشى ۋە كېشەكتىكى قاننى كۆرگىنىدە، ھالاك قىلغۇچى پەرىشتىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ، سىلەرنى ھالاك قىلىشىغا يول قويمايدۇ.


مەنكى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، خۇددى مىديانلارنى ‹ئورېب قورام تېشى›دا قامچام بىلەن قاتتىق ساۋىغاندەك ساۋايمەن. ھاسامنى خۇددى سىلەر مىسىردىن چىققاندا دېڭىزدىن قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگەندە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىمەن.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە زەربە بەرگەندەك، ئىسرائىللارغىمۇ زەربە بېرەمدۇ؟ ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرەمدۇ؟


پادىشاھ نىبۇكادنەزەر: _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا مەدھىيەلەر بولسۇن! ئۇ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن خىزمەتكارلىرىنى قۇتقۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۆز خۇداسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھقا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىشنى خالىماي، ھاياتىدىن كېچىشكە رازى بولۇشتى.


ئۇلار قىلىچلىرى بىلەن ئاسسۇرلارغا ۋە نىمرودنىڭ زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاسسۇرلار بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگرايىمىزغا ئاياغ باسقاندا، ئۇ بىزنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.


ئاتلىق لەشكەرلەر ئالدىغا قاراپ ئېتىلىدۇ. قىلىچلار چاقنايدۇ، نەيزىلەر يالتىراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ. سان-ساناقسىز جەسەتلەر دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ. ئادەملەر جەسەتلەرگە پۇتلىشىپ تۇرىدۇ.


ئۇلار توساتتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، تۈن يېرىمىدا بىر سىلكىنىپلا ئۆلۈپ كېتىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ ئىنساننىڭ ياردىمىسىز يوق قىلىنىدۇ.


ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ، شۇ چاغدا مەن ئاسسۇرلارغا غەزەپ ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىمەن.


ئەمما سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ تۇيۇقسىزدىن توپىدەك توزۇپ كېتىدۇ. سېنىڭ نۇرغۇن رەقىبلىرىڭ شامالدىكى چاڭ-توزاندەك يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنتايىن تۇيۇقسىز، ھەش-پەش دېگۈچە يۈز بېرىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، ئاسسۇرلار قانچە كۈچلۈك ۋە كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ۋەيران بولۇپ، يوق بولىدۇ. مەن ئىلگىرى سىلەرنى ئازابقا سالغانىدىم، ئەمدى سىلەرنى قايتا ئازابلىمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite