34 مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن كېتىدۇ. ئۇ بۇ شەھەرگە كىرەلمەيدۇ.
سېنىڭ بۇ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن ئەمدى قارمىقىمنى بۇرنۇڭدىن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، سەن قانداق كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»
ھەرقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ياكى مەسلىھەت، قارشى بولسا پەرۋەردىگارغا، كارغا كەلمەس پەقەت.
مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت پادىشاھقا بەرگەن ۋەدەم ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قۇتقۇزۇپ، قوغداپ قالىمەن».
سىلەر ئەمدى، تىلىنى بىلمەيدىغان، يات تىلدا سۆزلىشىدىغان تەكەببۇر كىشىلەرنى كۆرمەيسىلەر.