Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 37:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن. بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى. سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 37:26
17 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىنئالا بىلىشى ۋە پىلانى بويىچە سىلەرگە تاپشۇرۇلدى. سىلەر ئۇنى خۇدايىمىزغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار.


لېكىن پالتا قانداقمۇ ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىگە «مەن سەندىن كۈچلۈك» دەپ ماختانسۇن؟! ھەرە قانداقمۇ ئۆزىنى «مەن ئىشلەتكۈچىدىن مۇھىم» دەپ ئويلىسۇن؟! توقماق ئۆزىنى تۇتقۇچىنى قانداقمۇ پۇلاڭلىتالىسۇن؟! ھاسا قانداقمۇ بىر ئادەمنى كۆتۈرەلىسۇن؟!


بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.


شەھەردىن بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانسا، كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشمەي قالامدۇ؟ پەرۋەردىگار ئىرادە قىلمىسا، شەھەر بالايىئاپەتكە ئۇچرامدۇ؟


مەن يورۇقلۇقنى ۋە قاراڭغۇلۇقنى ياراتتىم. مەن كىشىلەرگە ئامانلىقمۇ بېرەلەيمەن، بالا-قازامۇ كەلتۈرەلەيمەن. مەن پەرۋەردىگارمەن، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن.


خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.


ئۆتۈنەي خۇدا، ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنىڭ، قىلىچىڭ بىلەن تىز پۈكتۈرۈپ ئۇلارنى، قۇتقۇزغىن رەزىللەردىن جېنىمنى.


سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يامان نىيىتىڭلارنى ياخشىلىققا ئايلاندۇردى. مانا بۈگۈن شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى.


بۇ، دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: «قاراڭلار، دەمەشق شەھىرى پات ئارىدا يوقىلىدۇ، ئۇ ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ!


ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ سىلەرگە باشتىلا دەپ بېرىلمىگەنمۇ؟ ئەجەبا سىلەر زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟


ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك خۇدادۇر، ئۇ پۈتۈن جاھاننى ياراتقان، ھېچقاچان چارچاپ، ھېرىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ پاراسىتىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.


سىلەر كونا كۆلنىڭ سۈيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بىر كۆل ياسايسىلەر. ئەمما سىلەر ئاشۇ شەھەرنى سالغان پەرۋەردىگارغا يۈزلەنمەيسىلەر، شۇنداقلا بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ بۇرۇنلا پىلانلىغانلىقىنى ئويلىمايسىلەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite