Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 37:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن، تاپانلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 37:25
8 Referans Kwoze  

بەنھاداد ئاخابقا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىغاي، _ دېدى.


سەركەردە جاۋاب بېرىپ: _ خوجايىنىم مېنى، بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىپ بېرىشكە ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قامال قىلساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى.


سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئۇ زېمىن سىلەر ياشىغان مىسىرغا ئوخشىمايدۇ. مىسىردا سىلەر ئۆزۈڭلار ئۇرۇق چېچىپ، ئۆزۈڭلار سۇغىراتتىڭلار.


مىسىرنىڭ نىل دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى سېسىپ، سۈيى ئاستا-ئاستا ئازىيىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. قومۇشلار ۋە يېكەنلەر قاقشال بولۇپ قالىدۇ.


پادىشاھ ماختىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆز قۇدرىتىم بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلدىم، ئۆز ئەقلىم بىلەن بۇ ئىشلارنى پىلانلىدىم، مەن شۇنداق ئەقىللىقتۇرمەن! دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پاسىللارنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى تارتىۋالدىم. مەن خۇددى غايەت كۈچلۈك پالۋانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ تەختتىكى پادىشاھلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدىم.


مەن خۇددى قۇش چاڭگىسى تېپىۋالغاندەك، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىنى تاپتىم. خۇددى چاڭگىدىكى تۇخۇملارنى ئالغاندەك، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىۋېلىش شۇنداق بولدى. ھېچبىر قۇش ماڭا قارشى قانات قاقالمىدى، ئاغزى ئوچۇق بولسىمۇ ئاۋاز چىقىرالمىدى.»


نىل دەرياسىنىڭ سۈيى قۇرۇپ كېتىدۇ، دەريا قاغجىراپ، سۈيى تۈگەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite