Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 37:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن، شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،

Gade chapit la Kopi




يەشايا 37:24
21 Referans Kwoze  

ئەي، بابىل پادىشاھى! لىۋاننىڭ كىپارىس ۋە كېدىر دەرەخلىرى سېنىڭ ئاقىۋىتىڭدىن چەكسىز شادلىنىدۇ. ئۇلار: «سېنى يوقاتقاندىن كېيىن ھېچكىم كېلىپ بىزنى كەسمەيدۇ» دەيدۇ.


ئاسسۇرلارنىڭ قويۇق ئورمانلىقى ۋە مۇنبەت ئېتىزلىرى تۈگىشىدۇ، خۇددى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىدەك بولۇپ قالىدۇ.


مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار، بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟!»


سىلە ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېپقالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا.»


سىلەر مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە چەۋەندازلىرى ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلالامسىلەر؟!


قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لىۋان مۇنبەت بىر زېمىنغا ئايلىنىدۇ، بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.


بەزىلەر ئىشىنەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلىرى ئاتلىرىغا، ئەمما بىز ئىشىنىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا.


ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەن، دەپ جار سالدى دۈشمەن. دېدى ئۇلار: ‹مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچ بىلەن ئالىمەن دەردىمنى›.


قارا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن شاخلارنى قىرقىپ تاشلايدۇ! ئېگىز دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلايدۇ، ھاكاۋۇر ئاسسۇرلار يەرگە يىقىتىلىدۇ.


پەرۋەردىگار ئۇلارنى، خۇددى لىۋاننىڭ ئېگىز دەرەخلىرىنى يىقىتىپ تاشلىغاندەك، يىقىتىپ تاشلايدۇ، ئورمانلىقتىكى دەرەخلەرنى چاپقاندەك، پالتا بىلەن چېپىپ تاشلايدۇ.


مەن ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالتىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ چىرايلىق كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۈۋرۈكلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ ۋە ئۇلارنى ئوتقا سالىدۇ.


ئۇ بولسا مىسىر، نىل دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرى دەريا قىرغىقىدىن تاشقاندەك كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. مىسىر مۇنداق دېگەن: ‹مەن كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيانى قاپلايمەن. شەھەرلەر ۋە ئۇلاردا ياشايدىغان خەلقنى ۋەيران قىلىمەن.›


پەرۋەردىگار، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى مېنىڭ نەزىرىمدە گىلئادقا ۋە لىۋاننىڭ تاغ چوققىلىرىغا ئوخشاش ھەيۋەتلىكتۇر، لېكىن مەن ئۇنى چۆلگە ئوخشاش ھېچكىم ياشىمايدىغان بىر جايغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.


_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلە، ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite