Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 37:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 37:1
13 Referans Kwoze  

خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىشقان ھالدا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.


كەچلىك قۇربانلىق سۇنىدىغان چاغدا، مەن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە تون ۋە چاپىنىم يىرتىق ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىمنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆتۈردۈم ۋە


پادىشاھ تەۋرات قانۇنىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەسرەتلەندى ۋە كىيىملىرىنى يىرتتى.


- ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيتسايدالىقلار! سىلەر ئۈچۈن ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى تىر ۋە سىدون دېگەن ياتلار شەھەرلىرىدە ياراتقان بولسام، ئۇ يەرلەردىكى خەلق بۇرۇنلا مەيۈسلەنگەن ھالدا ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ، گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بولاتتى.


پادىشاھ ياكى ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قىلچە قورقمىدى ۋە كىيىملىرىنى يىرتىپ، مەيۈسلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىمىدى.


لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق مىكاھنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ ياق! خىزكىيا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى تىلىگەن. شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانغان. لېكىن بىز بولساق ئۆز بېشىمىزغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا ئېلىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى، يەنى پەيغەمبەر يەشايا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلدى.


موردىكاي بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىنتايىن قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، سۇزا قەلئەسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ناھايىتى قاتتىق ئاھۇپەرياد كۆتۈردى.


شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.


پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن خەتنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ بۇ يەردە خەتنى ئېچىپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite