5 سىلەرچە، قۇرۇق گەپلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەمدۇ؟ سىلەر كىمگە ئىشىنىپ ماڭا قارشى چىقتىڭلار؟
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى.
لېكىن يەھۇدىيەگە تىكلەنگەن پادىشاھ بابىل پادىشاھىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ئەلچىلىرىنى مىسىرغا ئەۋەتىپ، جەڭ ئاتلىرى ۋە لەشكەر سورىدى. ئەمما ئۇنىڭ غەلىبە قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟! ئۇ مۇشۇنداق قىلسا جازادىن قانداق قېچىپ قۇتۇلالىسۇن؟! ئۇ ئەھدىنى بۇزغان تۇرسا، جازالانماي قالارمۇ؟!
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى ھۇزۇرىدىن قوغلىماقچى بولدى. زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى.
يىھوياقىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. يىھوياقىم ئۈچ يىل ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى.
سىلەرچە، قۇرۇق گەپلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەمدۇ؟ سىلەر كىمگە ئىشىنىپ ماڭا قارشى چىقتىڭلار؟