يەشايا 36:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 سەركەردە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ خىزكىياغا ئېيتىڭلار، ئۇلۇغ ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىگە تايىنىپ ئۆزۈڭلارغا شۇنچە ئىشىنىسىلەر؟ Gade chapit la |
كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى زور قوشۇنى بىلەن بىرگە لاكىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ «يۇقىرىدىكى كۆلچەك»كە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى.