يەشايا 36:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 خىزكىيا سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلىمىسۇن. قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مەن ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالغان؟ Gade chapit la |
ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر ھازىرلا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى.
بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جايىڭلارنى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىۋەتمىدىمۇ؟ پادىشاھ خىزكىيا يېرۇسالېم خەلقى ۋە بارلىق يەھۇدىيە خەلقىگە، خۇداغا پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟»