Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 36:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يېيەلەيسىلەر، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 36:16
16 Referans Kwoze  

ئاشۇ كۈنى ھەربىرىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى چاقىرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرىخىڭلارنىڭ ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


پادىشاھ سۇلايمان زامانىدا داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقلىرى ئۆزىنىڭ ئۈزۈم باراڭلىرى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ياشىدى.


ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ. چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزى شۇنداق دەپ ئېيتتى.


شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ بېرىشكە ۋەدە قىلغان مەردلەرچە ئىئانەڭلارنى ئالدىنئالا تەييار قىلىشىڭلار ئۈچۈن، بۇ قېرىنداشلارنىڭ يېنىڭلارغا بىزدىن ئاۋۋال بېرىشىنى زۆرۈر تاپتىم. شۇنداق بولغاندا، ئىئانەڭلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


ئىچكىن ئۆز كۆلچىكىڭنىڭ سۇيىدىن، ئۆز قۇدۇقۇڭدىكى سۈزۈك سۇدىن.


خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يەپ، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر.


نائامان ئادەملىرى بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئەمدى پۈتۈن ئالەمدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىدىن باشقا خۇدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغايلا، _ دېدى.


يەھۇدا قەبىلىسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە قەبىلىسىدىكىلەر خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشال-خۇرام ياشايتتى.


شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى ئارراملار رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ، ئارراملار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى.


ئەمدى ئاجىزەيىڭىز ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە كەلگەن يىگىتلەرگە بەرسىڭىز.


يابېشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا: _ بىزگە يەتتە كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەيلا، بىز پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەلچىلەر ئەۋەتەيلى. شۇ جەرياندا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، سىلىگە تەسلىم بولايلى، _ دېدى.


مېنىڭ سىلىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا، خۇدا ماڭا ياخشىلىق قىلدى. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ. ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.


مېۋىسىنى يەر ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى، ئىززەتكە ئېرىشەر خوجايىنىنى ياخشى كۈتكۈچى.


مەن زېمىنىڭلارغا بارغاندىن كېيىن سىلەرنى، خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش ئاشلىق، شاراب، يېمەكلىك ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرى مول بولغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite