14 پادىشاھ مۇنداق دەيدۇكى: «سىلەر خىزكىياغا ئالدانماڭلار، ئۇ سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ.
خۇداغا قارشى چىققۇچى خۇدا دەپ ئاتالغان ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ھەتتا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى خۇدا، دەپ جاكارلايدۇ.
ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە تەقۋادارلارنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ.
ئۇ شىر سولانغان ئورەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەنسىرەش ئاۋازى بىلەن: _ ئەي دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى! سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
خىزكىيا: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ› دەپ، سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇ سىلەرنى ئاچ ۋە ئۇسسۇز قويۇپ، ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.
ئەي سانخېرىب، سەن كىمنى مەسخىرە قىلدىڭ، كىمنى ھاقارەتلىدىڭ، كىمنى ۋارقىراپ تۇرۇپ تىللىدىڭ، كىمگە ھاكاۋۇرلۇق قىلدىڭ؟ بىلەمسەن، ئۇ مەن، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن!
خىزكىيانىڭ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇ بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار.