Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 36:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 مېنىڭ بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىشىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان ئەمەسمۇ؟ پەرۋەردىگار ئۆزى ماڭا: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىل» دەپ بۇيرۇغان.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 36:10
8 Referans Kwoze  

بىزنىڭ بۇ يەرنى ۋەيران قىلىشىمىزنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان دەپ قارىمامسىلەر؟ پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزى بىزگە: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغان.


ياشانغان پەيغەمبەر: _ مەنمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەرمەن. بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ماڭا: «سەن يەھۇدىيەدىن كەلگەن ھېلىقى پەيغەمبەرنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ قايت، بىر نەرسە يېسۇن، سۇ ئىچسۇن» دېگەنىدى، _ دېدى. لېكىن ئۇ يالغان سۆزلىگەنىدى.


نىكو يوشىياغا ئەلچى ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: _ ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى، مېنىڭ سەن بىلەن ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋىتىم يوق. مەن بۈگۈن بۇ يەرگە سەن بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى ئەمەس، بەلكى مەن بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان باشقا بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى كەلدىم. خۇدا ماڭا بۇ ئۇرۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا پەرمان قىلدى. سەن خۇدا بىلەن قارشىلاشما، ئۇنىڭ سېنى ۋەيران قىلىشىدىن ساقلان، چۈنكى خۇدا ماڭا ياردۇر.


شەھەردىن بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانسا، كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشمەي قالامدۇ؟ پەرۋەردىگار ئىرادە قىلمىسا، شەھەر بالايىئاپەتكە ئۇچرامدۇ؟


سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى، قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى، ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن.


شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان تەخمىنەن 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.


باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ: _ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىلا، پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite