3 تالغان قوللارغا مەدەت بېرىڭلار، جانسىز تىزلارغا كۈچ بېرىڭلار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، تالغان قولۇڭلارغا مەدەت بېرىپ، پۈكۈلگەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار.
لېكىن، ماڭا بولغان ئېتىقادىڭ يوقالمىسۇن دەپ، ساڭا دۇئا قىلدىم. شەيتانغا سىنىلىپ، يولۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملە.
ئۇ ئانتاكيادا ئېتىقادچىلار بىلەن خېلى كۆپ ۋاقىت تۇرۇپ، يەنە يولغا چىقتى ۋە گالاتىيا ۋە فرىگىيە رايونلىرىنى ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى.
ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسماندىن كەلگەن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ، مەدەت بەردى.
لېكىن مەن سىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، تەسەللىلىرىم بىلەن ئازابىڭلارنى يەڭگىللىتەتتىم.
ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساڭ، ھۇجۇم قىلىش غەيرىتىگە كېلىسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكىرىنى ئېلىپ، دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا باردى.
مۇسانىڭ قوللىرى تېلىپ قالغاندا، ھارۇن بىلەن خۇر بىر تاشنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسانى ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، ئىككى قولىنى ئىككىسى ئىككى تەرەپتىن تاكى كۈن پاتقۇچە كۆتۈرۈپ تۇردى.
ھەممە قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، چارۋا مال ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ياردەم قىلغاندىن باشقا، يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيەلەرنى سۇندى.
ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم قول تەگكۈزۈپ، تېنىمگە ماغدۇر بەردى.
شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەي سىئون، قورقما! قوللىرىڭ بوشىشىپ كەتمىسۇن،
يوناتان ئۇنىڭغا، _ قورقما، ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ، _ دېدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىبادەتخانامنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا جاسارىتىڭلار بولسۇن! بۇ سۆزلەرنى بۇرۇن ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنى پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەنىدى ۋە بۈگۈنمۇ سىلەر بۇ سۆزلەرنى يەنە ئاڭلاۋاتىسىلەر.