Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 35:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى ئۆز بېشىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 35:10
31 Referans Kwoze  

ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.»


ئەي سىئون تېغىدىكى خەلق _ يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، سىلەر ئەمدى يىغلىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر ياردەم تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەردىن شەپقىتىنى ئايىمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ نالەڭلەرنى ئاڭلىغاندا، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ.


ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇۋېتىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار ھەممىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ، دۇنيانىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان ھاقارەتلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!


رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىك بىلەن سىلەرگە بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتىنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار.


ئىنسانلارنىڭ گۇناھتىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى. خۇدا بۇنىڭغا دەل ۋاقىت-سائىتىدە گۇۋاھلىق بەردى.


يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!› مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.


مەن چوقۇم يېرۇسالېمدىن شادلىنىمەن، خەلقىمدىن خۇشال بولىمەن، ئۇ يەردىن ئەمدى يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ.


شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن. شۇ چاغدا، قەلبىڭلار خۇشاللىققا چۆمىدۇ. خۇشاللىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ.


ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار، سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


سېنىڭ قۇياشىڭ پاتماستۇر، ئېيىڭمۇ يوقالماستۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، ئازابلىق كۈنلىرىڭ ئاخىرلىشىدۇ.


كەچۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، شاد-خۇرام بولاي، سەن يانجىغان ئۇستىخانلىرىم ھەم شادلانغاي.


ئېيتىڭلار بۇ مەدھىيەنى پەرۋەردىگار قۇتقۇزغانلار، بايان قىلىڭلار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزۇلغانلار.


يىغلاپ تۇرۇپ ئۇرۇق چاچقانلار، ناخشا بىلەن ھوسۇل يىغار.


سىئون شەھىرى ئادالەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ، شەھەردىكى توۋا قىلغان خەلق ھەققانىيەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.


ئى خۇدا، سەن خەلقنى كۆپەيتكەنسەن. سەن ئۇلارغا كۆپ خۇرسەنلىك ئاتا قىلغانسەن، ئۇلار سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا شادلىنىدۇ، خۇددى ھوسۇل ئالغاندا شادلىققا تولغانغا ئوخشاش، خۇددى ئولجىلارنى بۆلۈشكەن چاغدا شادلىققا چۆمگەنگە ئوخشاش.


ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ! چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك ياپيېشىللىققا پۈركىنىدۇ. ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.


ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار! سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن. مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.


سىلەر ئۇلارنى سورۇۋېتىسىلەر، شامال ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ، بوران ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولىسىلەر. سىلەر مېنى ‹ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا› دەپ پەخىرلىنىسىلەر.


مەن ياراتماقچى بولغان ئىشلاردىن خۇشال بولۇڭلار، مەڭگۈ شادلىنىڭلار. قاراڭلار، مەن يېرۇسالېمنى خۇشاللىق مەنبەسى، ئاھالىسىنى شادلىق مەنبەسى قىلىمەن.


بۇ جايلاردىن تەشەككۈر ناخشىلىرى ۋە خۇشاللىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ. مەن خەلقىمنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئازلاپ كەتمەيدۇ. مەن ئۇلارغا يۈز-ئابرۇي ئاتا قىلىمەن، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز كەمسىتىلمەيدۇ.


ئىسرائىللارغا نىجاتلىق سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى! پەرۋەردىگار ھۆرلۈككە چىقارغىنىدا زۇلۇمدىكى خەلقىنى، شادلىنار ئىسرائىللار _ سۆيۈنەر ياقۇپ ئەۋلادى.


خۇشاللىقتىن ئاغزىمىز يېتىپ قۇلىقىمىزغا، چۇقانلار كۆتەرگەنىدۇق شادلىقتا. ‏ «پەرۋەردىگار زور بىر ياخشىلىق قىلدى ئۇلارغا»، دېگەن سۆزلەر تارقالغانىدى يات ئەللەر ئارىسىدا.


خورلۇقىڭلار ئورنىغا ئىككى ھەسسە بەختكە ئېرىشىسىلەر، سىلەر بۇرۇن خورلانغانىدىڭلار، ئەمدى ئۈلۈشىڭلاردىن شادلىنىسىلەر. سىلەر زېمىنىڭلاردا ئىككى ھەسسە ئارتۇق مال-مۈلۈككە ئىگە بولىسىلەر، مەڭگۈلۈك خۇشاللىق سىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite