1 چۆل-جەزىرىلەر شادلىققا چۆمىدۇ. قاقاسلىقلار خۇشاللىققا چۆمۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.
ئۇلار: ‹بۇرۇنقى قاقاس يەرلەر ئەمدى ئېرەم باغقا ئايلىنىپتۇ. بۇرۇن خارابىلىككە ئايلانغان شەھەرلەرگە قايتىدىن سېپىللار ياسىلىپ، ئادەملەر ئولتۇراقلىشىپتۇ› دېيىشىدۇ.
مانا مەن پەرۋەردىگار سىئونغا تەسەللى بېرىمەن، ئۇنىڭ خارابىلىرىگە تەسەللى بېرىمەن. ھەمدە سىئوننىڭ بارلىق خارابىلىكلىرىنى ئېرەم باغقا ئايلاندۇرىمەن. ئۇنىڭ چۆللۈكلىرىنى مېنىڭ بېغىمغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ يەردە شادلىق ھەم خۇشاللىق بولىدۇ. شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ساداسى ياڭرايدۇ.
ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يىلتىز تارتىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى كۆكلەيدىغان چاغ كېلىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىنى مېۋىلەرگە تولدۇرىدۇ!
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆستۈرگەن نوتىسى گۈزەل ۋە سەلتەنەتلىك بولىدۇ. بۇ زېمىننىڭ مېۋە-چېۋىلىرى ئىسرائىلىيەدىكى ئامان قالغانلارنىڭ ئىپتىخارى ۋە شان-شەرىپى بولىدۇ.
غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ، مۇنداق دەپ جاكارلىدى: «پەرۋەردىگارغا چۆللۈكتە يول ئېچىڭلار! خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇملۇقتا بىر تۈپتۈز يول ياساڭلار!
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لىۋان مۇنبەت بىر زېمىنغا ئايلىنىدۇ، بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، شادلاندى ئادالىتىڭدىن پۈتۈن يەھۇدىيە شەھەرلىرى، خۇشاللىققا چۆمدى سىئون ئاڭلاپ ھۆكۈملىرىڭنى.
ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭدىن، خۇش بولسۇن سىئون تېغى، شادلانسۇن يەھۇدىيە شەھەرلىرى.
سۈرگۈندىن كېيىن مۇستەھكەم شەھەر ئادەمسىز قالىدۇ، پۇقرالىرى شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپ، شەھەر چۆلدەرەپ قالىدۇ. ئۇ شەھەر قاقاسلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ يەردە كالىلار ئوتلاپ، ئارام ئېلىپ، شاخ-شۇمبىلارنى يەپ يۈرىدۇ.
يايرىسۇن دالىلار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار، ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار.
مەن گويا بىر ياۋا گۈلمەن ئېچىلغان شاروندا، ئاددىيغىنە بىر چېچەكمەن ئۆسكەن گويا جىلغىدا.
كېيىن مەن: _ ئى ئىگەم، بۇ قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئىگەم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ تاكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغۇچە، ئۆيلەر چۆلدەرەپ، ۋەيران بولغان زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە،
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئادەملەر بىر ياش ئىنەك ۋە ئىككى ئۆچكىنىلا تىرىك ساقلاپ قالالايدۇ.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى! مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز. ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.»
ئاقساقلار بۇغىلاردەك تاقلاپ يۈرىدۇ، گاچىلار خۇشاللىقتىن ۋارقىرايدۇ. سۇلار چۆللەرگە ئېقىپ كىرىدۇ. دەريالار قۇملۇقلارغا ئاقىدۇ.
چۆلدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خەلقلەر جاراڭلىق ئاۋازدا شۈكۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار. قېدارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى خەلقلەر شادلىنىڭلار. سەلا خەلقى خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئوقۇڭلار. مەدھىيەلەر تاغ چوققىلىرىدىن ياڭرىسۇن.
قاراڭلار، مەن يېڭى بىر ئىش قىلماقچى. بۇ ئىش ئەمدىلا يۈز بېرىشكە باشلاندى، ئەجەبا سىلەر ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ مەن چۆللۈكتە يول ياسايمەن، قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.