3 ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى سېسىپ كېتىدۇ، تاغلار ئۇلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىلىدۇ.
شىمالدىن كەلگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمەن، ئۇلارنى قاقاس ۋە چۆل بىر يەرگە قوغلىۋېتىمەن. ئالدىن يۈرەر قوشۇننى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان قوشۇنلارنى ئوتتۇرا دېڭىزغا غەرق قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقى جاھاننى بىر ئالىدۇ.» پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى.
سەن ۋە سېنىڭ قوشۇنۇڭ ھەمدە ساڭا ئەگىشىپ كەلگەن خەلقلەر ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىدا ھالاك بولىدۇ. جەسىتىڭلار قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ.
ياۋا كالىلار ئۇلار بىلەن بىللە قىرغىن قىلىنىدۇ، موزايلىرىمۇ بۇقىلار بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا بويىلىدۇ، تۇپرىقى گۆشلەرنىڭ يېغىغا تولۇپ كېتىدۇ.
شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە كېلىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.
مەن ئىلگىرى مىسىرلىقلارنى مۇپتىلا قىلغان ۋاباغا سىلەرنىمۇ مۇپتىلا قىلدىم. باھادىر يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچتا ئۆلتۈردۈم. ئاتلىرىڭلار تارتىۋېلىندى. بارگاھلىرىڭلارنى ئۆلۈكلەرنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن تولدۇردۇم. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
ئۇ كۈنى ئىسرائىلىيەدىكى دېڭىزنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تۇتىشىدىغان ‹يولۇچى جىلغىسى›دا گوگنىڭ قەبرىسىنى ھازىرلايمەن. ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ يەرگە كۆمۈلىدۇ. بۇ قەبرىستانلىق يولۇچىلارنىڭ يولىنى توسىدۇ. شۇڭا ئۇ يەر ‹گوگ قوشۇنىنىڭ جىلغىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.
ۋابا، قىرغىنچىلىق، قاتتىق يامغۇر، مۆلدۈر، ئوت ۋە گۈڭگۈرت بىلەن ئۇنى، قوشۇنىنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن خەلقلەرنى جازالايمەن.
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنىڭ قېنىڭنى تۆكىمەن، قان پېشىڭنى قويۇۋەتمەيدۇ. سەن قان تۆكۈشتىن نەپرەتلەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، قان پېشىڭنى قويۇۋەتمەيدۇ
ئەگەر مەن ئۇ يەرگە ۋابا ئەۋەتسەم، قان تۆكۈش ئارقىلىق قەھرىمنى چاچسام، ئادەم ۋە ھايۋانلارنى قىرغىن قىلسام،
ئۇ خۇددى ئېشەككە ئوخشاش ئۆلۈكى قەبرىسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىلىپ، تاشلىۋېتىلىدۇ.
ئۇ چاغدا سىلەرنىڭمۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق، ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.
ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.»
شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن تاكى بۇ چېتىگىچە ھەممە يەردە ياتىدۇ. ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ ياكى ئۇلارنى يىغىپ دەپنە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.
ئاتلىق لەشكەرلەر ئالدىغا قاراپ ئېتىلىدۇ. قىلىچلار چاقنايدۇ، نەيزىلەر يالتىراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ. سان-ساناقسىز جەسەتلەر دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ. ئادەملەر جەسەتلەرگە پۇتلىشىپ تۇرىدۇ.
سېنى تاشلاپ يەرگە، ئېتىپ دالاغا، قوندۇرىمەن قاغا-قۇزغۇنلارنى ئۈستۈڭگە، يەم بولىسەن زېمىندىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارغا.