12 بۇ يەرگە پادىشاھلىق قىلغۇدەك بىرەر ئېسىلزادە ئادەم چىقمايدۇ، ئۇ يەرنىڭ شاھزادىلىرىنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ.
ئەخمەققە ئوخشاپ قالدىم، مېنىڭ بۇنداق بولۇشۇمغا سىلەر سەۋەبچى. مەن ئەسلىدە سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، ھەرقانچە بولساممۇ، سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن ھەر تەرەپتىن قېلىشمايمەن.
گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.
خوش، ئەمدى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆش مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ئادەملەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خۇدا ئەمەستۇر. يېگانە خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر.
بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى.
بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا، ئۇ، بۇ بۇيۇملارنى بۇ يەردە قالدۇرغانىدى.
بىراق سىلەر كېرەكسىز نەرسىلەر، سىلەر ھېچ ئىش قىلالمايسىلەر، سىلەرگە چوقۇنغانلار يىرگىنچلىكتۇر!
ئۇ ھۆكۈمدارلارنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ھۆكۈمرانلارنى كېرەكسىز قىلىپ قويىدۇ.