Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 34:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 كېچە-كۈندۈز توختىماي كۆيىدۇ. ئۇنىڭدىن تارقىغان ئىسلار ئۈزۈلمەيدۇ. ئىدوم ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە قاقاسلىق بولىدۇ. ئۇ يەرگە ھېچكىم قايتا قەدەم باسمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 34:10
15 Referans Kwoze  

ئۇلار يەنە: «ھەمدۇسانا! پاھىشىنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى پۇرقىرايدۇ ئەبەدىلئەبەد!» دېيىشتى.


ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.»


بۇ يەردە ئەمدى ئادەم تۇرمايدۇ، كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارمۇ بۇ يەردە ياشىمايدۇ. كۆچمەنلەر بۇ يەرگە كەپىلىرىنى قۇرمايدۇ، پادىچىلارمۇ قويلىرىنى بۇ يەردە باقمايدۇ.


ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: ˜بۇ كاتتا شەھەرنىڭ يەنە بىر تەڭدىشى بارمىدۇ؟Œ دەپ پەرياد قىلىشىدۇ.


بۇ يەرگە ئادەم ۋە ھايۋانلار ئاياغ باسمايدۇ. قىرىق يىلغىچە بۇ يەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.


كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ كېتىدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.


شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.


قاراڭلار! پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ.


پەرۋەردىگار زېمىننى ئاشۇلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ، ئۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇ زېمىننى مەڭگۈلۈك ئىگىلەيدۇ، ئۇلار بۇ يەردە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ياشايدۇ.


نىنەۋى شەھىرى يىقىلىدۇ، پۈتۈنلەي قۇرۇقدىلىپ، ۋەيران بولىدۇ. نىنەۋىلىكلەرنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، تەنلىرى جۇغۇلداپ، چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.


مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئىدوم خۇددى سودوم، گومورا ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا ئوخشاش ۋەيران قىلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite