4 چېكەتكىلەر زىرائەتلەرنى يەۋەتكەندەك، يات خەلقلەرنىڭ يىغىۋالغان ئولجىلىرىمۇ يوق بولىدۇ. خەلق چېكەتكىلەر يىغىلغاندەك يىغىلىپ، ئۇلارنىڭ ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېتىلگەن چېكەتكىلەر، تۇخۇمدىن يېڭى چىققان چېكەتكىلەر، تولۇق يېتىلمىگەن چېكەتكىلەر ۋە ياش چېكەتكىلەر يەپ كەتكەن زىرائەتلەرنى ئەمدى مەن سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن. ئۇ كۈچلۈك ‹قوشۇن›نى سىلەرگە قارشى مەن ئەۋەتكەنىدىم.
ئۇلار شەھەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ، سېپىللارنىڭ ئۈستىدە چېپىشىدۇ. ئۆيلەرگە يامىشىدۇ، دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ.
ھازىر سىلەرنىڭ ئارغامچىلىرىڭلار يېشىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، كېمەڭلارنىڭ يەلكەن خادىسى مۇستەھكەم بولمىسىمۇ، يەلكىنىڭلار ئېچىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، سىلەر نۇرغۇن ئولجا ئالىسىلەر، ھەتتا ئاقساق-چۇلاقلارمۇ ئولجا ئالالايدۇ.
يىھوشافات ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئولجىلارنى يىغقىلى باردى. ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈك، كىيىم-كېچەك، قىممەت باھالىق بۇيۇملار بار ئىدى. ئولجىلار شۇنچىلىك كۆپ ئىدىكى، ئۇلار ئولجىلارنى بىر كۈندە توشۇپ بولالماي، ئۈچ كۈن توشۇدى.
ئاسا قوشۇنىنى باشلاپ، ئۇلارنى قوغلاپ، تاكى گىرارغىچە باردى. كۇشلار پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قىرىلىپ كەتتى، ھەتتا بىرەرسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈكنى ئولجا ئالدى.
يات خەلقلەر سېنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىڭدىن قورقۇپ، قاچىدۇ. سەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرساڭ، دۈشمەن تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ!
پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ. ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ.
شۇڭا مەن سىلەرگە قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە ئولجا قىلىپ تۇتۇپ بېرىمەن. سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن يوق قىلىمەن، سىلەر ھالاك بولىسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»
ياش چېكەتكىلەر كېلىپ، بىر قىسىم زىرائەتلەرنى يەپ كەتتى، ئۇلاردىن قالغىنىنى يېتىلگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى، ئۇلاردىن قالغىنىنى تۇخۇمدىن يېڭى چىققان چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى، ئۇلاردىنمۇ قالغىنىنى تولۇق يېتىلمىگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يەپ تۈگەتتى.
ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوت يانىدۇ، ئارقىسىدىمۇ ئاتەش يالقۇنلايدۇ. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن ئېرەم باغدەك گۈزەل بولسا، كېلىپ كەتكەندىن كېيىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ھېچنېمە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.