3 يات خەلقلەر سېنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىڭدىن قورقۇپ، قاچىدۇ. سەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرساڭ، دۈشمەن تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ!
گۇمران بولدى شاھلىقلار، غوۋغا كۆتۈرۈپ خەلقلەر. جاراڭلىسا رەببىمىزنىڭ ئاۋازى يەر-زېمىن ئېرىپ كېتەر.
ئى قالقىنىمىز بولغان ئىگەم، ھالاك قىلما ئۇلارنى، ئۇنتۇمىسۇن خەلقىم ئۇلارنىڭ ھالىنى، قۇدرىتىڭ بىلەن سەرسان قىلغىن ئۇلارنى، يەرگە قاراتقىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى.
ئۇلار قىلىچ ئاستىدىن قاچقانلار، غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچتىن، كىرىچى تارتىلغان ئوقيادىن، شۇنداقلا قايناق ئۇرۇشتىن قاچقانلار.
چېكەتكىلەر زىرائەتلەرنى يەۋەتكەندەك، يات خەلقلەرنىڭ يىغىۋالغان ئولجىلىرىمۇ يوق بولىدۇ. خەلق چېكەتكىلەر يىغىلغاندەك يىغىلىپ، ئۇلارنىڭ ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.
ئەي يەرەمىيا! ھازىر سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار ئەرشتە شىرغا ئوخشاش ھۆركىرەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس ماكانىدا تۇرۇپ، گۈلدۈرلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىگە قارشى ھۆركىرەپ، خۇددى ئۈزۈم يانجىۋاتقان ئادەمدەك توۋلايدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانغا ۋارقىرايدۇ.
ئۇرۇش ئاۋازلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاڭلىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقلەرنى سوراققا تارتىدۇ. ئۇ بارلىق ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، رەزىللەرنى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ئىس-تۈتەكنى، خۇدا جەزمەن يوق قىلىدۇ رەزىللەرنى. ھالاك بولار رەزىللەر خۇدا ئالدىدا، خۇددى مومدەك ئېرىگەن ئوتتا.