2 ئى پەرۋەردىگار، بىزگە رەھىم قىلغىن! بىز ساڭا ئۈمىد باغلاپ، كۈتۈپ تۇرىمىز. ھەر كۈنى بىزگە كۈچ-قۇدرەت بەرگىن. بېشىمىزغا كۈلپەت چۈشكەندە بىزنى قۇتقۇزغىن.
پەرۋەردىگار ئادالەت ئۈچۈن ئۆتۈنىدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھەيران قالىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزى كېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى! مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز. ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.»
دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە، بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە.
ئەي خالايىق ھەر دائىم ئىشىنىڭلار خۇداغا، ئىزھار ئەيلەپ كۆڭۈل ۋە دەردىڭلارنى ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار بىزگە بولىدۇ بىر پاناھگاھ. سېلاھ
ئارام تاپار جېنىم پەقەت خۇدادىن، نىجاتلىقمۇ ماڭا پەقەت كېلەر ئۇنىڭدىن.
كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.
بۇ تاڭ ئاتقان ۋاقىت بولۇپ، مۇسا قولىنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇ يەنە ئەسلىگە قايتىشقا باشلىدى. مىسىرلىقلار ئىككى تەرەپتىن كېلىۋاتقان سۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قاچتى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزغا ھالاك قىلىۋەتتى.
توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار ۋە مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «بارلىق گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت قىلىپ، بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، مەدھىيەلىرىمىزنى قۇربانلىق ئورنىدا قوبۇل قىلغايسەن!
ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكى يېڭىلىنار ھەر كۈنى سەھەر، ئۇنىڭ بىزگە بولغان ساداقىتى بۈيۈك شۇ قەدەر.
سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى، قىيىنچىلىق مەزگىللەردە بىزنى قۇتقۇزدۇڭ. لېكىن ھازىر نېمىشقا زېمىنىمىزدا يات ئادەمدەك تۇرىسەن، نېمە ئۈچۈن پەقەت بىر ئاخشاملا قونىدىغان يولۇچىدەك بولۇۋالىسەن؟
قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك قولى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، قاراڭلار، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كەلمەكتە.
ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سېنى ئىزدىدۇق. سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە، بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق.
پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.
سەن يوقسۇللارنىڭ باشپاناھىسەن، قىيىنچىلىقتا قالغان بىچارىلەرنىڭ باشپاناھىسەن. بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان پاناھگاھىسەن ۋە ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان سايىسەن. زالىملار دەھشەتلىك بوراندەك ھۇجۇم قىلىدۇ،
كۆزلىرىمىز تىكىلگەندۇر خۇدايىمىز _ پەرۋەردىگارغا، قۇللارنىڭ كۆزلىرى كەبى تىكىلگەن قۇلدارنىڭ قوللىرىغا، دېدەكنىڭ كۆزلىرى كەبى تىكىلگەن ئاغىچا خېنىمنىڭ قوللىرىغا. تاكى بىزگە شەپقىتىنى كۆرسەتكىچە تەلمۈرىمىز پەرۋەردىگارغا.
جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە، قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە.
بىزگە قانچە ئۇزۇن ئازاب سالغان بولساڭ، بىزنى قانداق كۈلپەتلەرگە قويغان بولساڭ، ئەمدى شۇنچە كۈلكە، شادلىق بەرگىن بىزگە.
پەقەت خۇدادىنلا ئارام تاپ ئەي جېنىم، چۈنكى ئۇنىڭدىدۇر مېنىڭ بارلىق ئۈمىدىم.
چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»
شۇ شەھەردە بولغاچ خۇدا، تەۋرەنمەس ئۇ ماكان ئەسلا، تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ياردەمگە كېلەر خۇدا.
پەرۋەردىگار نىجاتلىق بېرەر ھەققانىيلارغا، باشپاناھ بولار ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا.
شەرمەندە بولماس ساڭا ئۈمىد باغلىغانلار، شەرمەندە بولار خائىنلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار.
مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئاڭلىغۇم بار تاڭ سەھەردە، چۈنكى مەن پەقەت ساڭا تايانغانمەن. مېڭىشىم زۆرۈر بولغان يولنى ئۆزۈڭ بىلدۈر ماڭا، چۈنكى مەن ۋۇجۇدۇمدىن پەقەت ساڭا تەلمۈرگەنمەن.
نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟
چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭلار، سىلەر پاناھلانغان قورام تاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار. مەيلى سىلەر ئەڭ ئېسىل دەرەخلەرنى تىككەن بولۇڭلار، ۋە ياكى ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلغان بولۇڭلار،
ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىمىز خىزكىيا مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىدەك بولۇپ قالدۇق.
مېنىڭ ھەققانىيلىقىم كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، قۇتقۇزۇلۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مەن خەلقلەرگە ئادالەت بېرىمەن. دېڭىز بويىدىكى يىراق ئەللەرمۇ مېنى كۈتىدۇ، ئۇلار مېنىڭ قۇدرىتىمگە ئۈمىد باغلايدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمىز سەندە، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ يار بولغاي بىزگە.
مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى رەت قىلغان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن، مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم.