8 ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ. ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ.
ئۇلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۈشكۈل كۈلپەتلەر ئارقىلىق قاتتىق سىنالدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى تولۇپ تېشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن كەمبەغەللىكىگە قارىماي، قولى ئوچۇقلۇق ۋە مەردلىك قىلدى.
پېترۇس دەرھال يولغا چىقىپ، ئۇلار بىلەن بىللە جاففاغا كەلدى. پېترۇس جاففاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقىلدى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشتى ۋە دوركاسنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كىيىملىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىشتى.
سېخىيدۇر ئۇلار، يوقسۇللارغا بېرەر سەدىقە، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھەققانىيلىقى ئۇلارنىڭ، قۇدرەت تېپىپ، نائىل بولار ھۆرمىتىگە كىشىلەرنىڭ.
بىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كېتىمىز، ھاياتىمىزنى قايتۇرۇۋالالمايمىز. ئۇ خۇددى يەرگە چېچىلغان سۇغا ئوخشايدۇ. لېكىن خۇدا بىزنى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئەمەس، بەلكى سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ.