Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 32:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مەككارلارنىڭ ئۇسۇللىرى رەزىلدۇر. يوقسۇللارنىڭ تەلەپلىرى توغرا بولسىمۇ، ئۇلار ھىيلە-مىكىرلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، يوقسۇللارنى يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 32:7
24 Referans Kwoze  

ئۇلار پارا ئېلىپ گۇناھكارنى قويۇپ بېرىدۇ، بىگۇناھقا ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەت قىلىشتى.


ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە: «سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر: _ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى.


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.


پەيت كۈتسىمۇ رەزىللەر ۋەيران قىلماققا مېنى، ئەمما دىلىمدا ساقلايمەن يەنىلا پەرزلىرىڭنى.


ئۇ كەمبەغەللەرگە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاجىزلارغا ئادىللىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ. ئۇ سۆزلىرى بىلەن ئادەملەرنى كالتەكلەيدۇ، ئۇ نەپىسى ئارقىلىق رەزىل ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدۇ.


گەرچە رەزىللەرگە شەپقەت قىلىنسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ھەققانىي يولنى بىلمەيدۇ. ئۇلار دۇرۇسلار ياشايدىغان بۇ زېمىندا گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئويلىمايدۇ.


بۇلار كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردۇر. بۇلار ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنى ئالداپ، خاتا ھۆكۈم چىقارغۇزغۇچىلاردۇر. يالغان سۆزلەپ، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلغۇچىلاردۇر.


رەزىل ئادەملەر رەزىللىك قىلىشتىن توختىسۇن، گۇناھكار ئادەملەر يامان نىيەتلىرىدىن يانسۇن، ئۇلار پەرۋەردىگارىمىزنىڭ يولىغا قايتسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ يولىغا قايتسۇن، ئەپۇچان خۇدايىمىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ.


سەمىمىيەت ئازلىغان، ئۆزىنى رەزىللىكتىن يىراق قىلغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ. پەرۋەردىگار بۇلارنى كۆرۈپ، خۇشال بولمايدۇ، چۈنكى ئادالەت يوقتۇر.


بۇ ئازابلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. يامانلار چۈشەنمەي، يامانلىق قىلىۋېرىدۇ، پەقەت دانالار چۈشىنىدۇ.


تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite