Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 32:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئەخمەقلەر ئەخمەقلەرچە سۆزلەپ، رەزىل پىلانلارنى تۈزىدۇ، ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار توغرىسىدا خاتا تەلىملەرنى تارقىتىدۇ، ئۇلار ئاچ قالغانلارنى تائامسىز، ئۇسسۇغانلارنى سۇسىز قويىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 32:6
33 Referans Kwoze  

چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.}


«يامانلىق يامانلاردىن كېلەر» دېگەن ماقال بار، شۇڭا مەن سىلىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن.


خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.


كەمبەغەللەرنى ئەرزىمەس كۈمۈشكە، موھتاجلارنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالالايتتۇق. ئاشلىقلارنى توپانغا ئارىلاشتۇرۇپ ساتالايتتۇق» دەيسىلەر.


بىر ئېفىيوپىيەلىك تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ يىلپىز ئۆزىنىڭ تاغىل رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياق! سىلەرمۇ ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگىنىڭلار ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلىشنى ئۆگىنەلمەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىسىلەر.»


ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانسىز رەزىل بولدى، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئەخمىقانە سۆزلەر چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەن بولمايدۇ، يېتىم بالىلار ۋە تۇل ئاياللارغىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


ئادەمنىڭ نادانلىقى ھايات يولىنى نابۇت قىلار، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا پەرۋەردىگاردىن خاپا بولار.


رەزىللىككە مايىل قىلىپ مەيلىمنى، يامانلىق قىلىشقا يول قويما مېنى. قەبىھلەرگە شېرىك قىلما كۆڭلۈمنى، يېگۈزمىگىن ھەم ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىنى.


يىراقتۇر دانالىق ئەخمەققە، كۆپچىلىك يىغىلىشىدا ئەخمەق زۇۋان سۈرەلمەس.


ئۇلار نامراتلاردىن ئادالەتنى تارتىۋالدى. خەلقىم ئارىسىدىكى ئاجىزلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى، ئۇلار تۇل خوتۇن ۋە يېتىم بالىلارنى بۇلىدى.


مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.


گەرچە رەزىللەرگە شەپقەت قىلىنسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ھەققانىي يولنى بىلمەيدۇ. ئۇلار دۇرۇسلار ياشايدىغان بۇ زېمىندا گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئويلىمايدۇ.


پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن دانادۇر ۋە يەنە بالا-قازا ئېلىپ كېلەلىگۈچىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىدىن يانمايدۇ. ئۇ رەزىللىك قىلغۇچىلارغا، ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە قارشى ئاتلىنىدۇ.


ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە تېز يۈگۈرەيدۇ، بىگۇناھلارنىڭ قانلىرىنى تېز ئاققۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىياللىرى رەزىللىككە تولغان بولۇپ، قەيەرگىلا بارسا ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


ئۇ بولسىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىش، ئۇنى ئىنكار قىلىشتۇر، خۇدايىمىزغا ئەگەشمەيمىز، ئاغزىمىز زۇلۇم سېلىشنى ۋە ئاسىيلىقنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلدىكى يالغانچىلىقلار خالىغانچە چىقىدۇ.


بۇ ئازابلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. يامانلار چۈشەنمەي، يامانلىق قىلىۋېرىدۇ، پەقەت دانالار چۈشىنىدۇ.


ئەي تېكىلەر، سىلەر ئوتلىرى ئەلۋەك ئوتلاقلاردا ئوتلاپ تويمىدىڭلارمۇ؟! يەپ بولالمىغىنىڭلارنى دەسسەپ چەيلىشىڭلار كېرەكمىدى؟ سۈزۈك سۇلارنى ئىچىپ قانغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنى كېچىپ لېيىتىشىڭلار كېرەكمىدى؟!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite