Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 32:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 غەمسىز يۈرۈۋاتقان سىلەرگە بىر يىلدىن كېيىن قورقۇنچ كېلىدۇ. ئۈزۈم تەكلىرىدىن ھوسۇل چىقمايدۇ، باشقا مېۋىلەردىنمۇ ھوسۇل ئالالمايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 32:10
14 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇللىرىنى ئېلىپ كېتىمەن. ئۈزۈم تاللىرى ھوسۇل بەرمەيدۇ. ئەنجۈر دەرەخلىرىدە مېۋە قالمايدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا بەرگەنلىرىم ئېلىپ كېتىلىدۇ.»


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە باراۋەر كېلىدىغان مىڭلىغان تەكلىرى بار ئۈزۈمزارلىقلار ئازغان ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىدۇ.


ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ، ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرى سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ. ئۇلارغا ئۆز ئۈزۈمزارلىقىدىن چىققان شارابنى ئىچىش نېسىپ بولمايدۇ.»


مەيلى مېۋە بەرمىسۇن ئەنجۈر دەرىخى، ياكى يوق بولسۇن تاللاردا ئۈزۈم، مەيلى مېۋە بەرمىسۇن زەيتۇن دەرىخى، ياكى بەرمىسۇن ئېتىزلار ھوسۇل، مەيلى يوقىلىپ كەتسۇن قوتاندىكى قويلار، ياكى يوقىلىپ كەتسۇن ئېغىلدىكى كالىلار،


ئۈزۈم تاللىرى قۇرۇدى، ئەنجۈرلەر سولىشىپ قالدى، باغدىكى ئانار، خورما ۋە ئالما دەرەخلىرى ئۆلدى. كىشىلەردە خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.


ئۇلار ئۈزۈمزارلىقىمىزنى ۋەيران قىلدى، ئەنجۈرلۈكىمىزنى پايخان قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ قوۋزاقلىرىنى سويۇپ، پەقەت قۇرۇق شاخلىرىنى قالدۇردى.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىلىيە خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلىق پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ.


ئۇ: ‹ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋە ئەنجۈرلۈكۈمنى ئاشنىلىرىم ماڭا ھەق سۈپىتىدە بەرگەن› دەيدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، چاتقاللىققا ئايلاندۇرىمەن، باغلىرىنى ياۋايى ھايۋانلار يەيدۇ.


شادلىق ۋە خۇشال كۈلكەڭلار باغلىرىڭلاردىن يوقىلىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلاردا ھېچكىم خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتمايدۇ، شادلىق سادالىرىنى ياڭراتمايدۇ. ھېچكىم ئۈزۈملەرنى يانجىپ، ئۈزۈم ھارىقى ياسىمايدۇ. سىلەرنىڭ خۇشاللىق سادالىرىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.


ئەي مەستلەر، ئويغىنىڭلار، يىغلاڭلار. ئەي مەيخورلار، ھەممىڭلار پەرياد قىلىڭلار. يوقتۇر ئەمدى سىلەرنىڭ ئىچكۈدەك شارابىڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite