1 قاراڭلار! كەلگۈسىدە بىر پادىشاھ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى ئادالەت بىلەن يۇرت سورايدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاسماننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە تۇرغان بىر ئاق ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «سادىق» ۋە «ھەق» ئىدى. ئۇ ئادىل ھۆكۈم ۋە ئادىل جەڭ قىلاتتى.
شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھەققانىي بىر نوتىنى يېتىشتۈرىمەن. ئۇ، زېمىندا ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئىشلارنى قىلىدۇ.
ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سۆزلىدى، يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا مۇنداق دەيدۇ: «خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى، خۇدادىن ئەيمىنىپ ھۆكۈم سۈرگۈچى
دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكىلەر چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر.
دېمەك، گۇناھ ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئاپارغان بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كەلدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.
خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن پادىشاھ چىقىپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بىردىنبىر قويچىسى بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلىدۇ، بەلگىلىمىلىرىمگە چىن قەلبىدىن بويسۇنىدۇ.
ئۇ، خەلقنىڭ سوتچىلىرىغا ئادالەتنى ئاتا قىلىدۇ. شەھەر سېپىلىنى قوغدايدىغان ئەزىمەتلەرگە كۈچ بېرىدۇ.
ئۇ كەمبەغەللەرگە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاجىزلارغا ئادىللىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ. ئۇ سۆزلىرى بىلەن ئادەملەرنى كالتەكلەيدۇ، ئۇ نەپىسى ئارقىلىق رەزىل ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدۇ.
ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا، ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا.
گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى، ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى، تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى.
ئۇ كۈندۈزنىڭ ئىسسىقىغا سايە ۋە كۆلەڭگە بولىدۇ، بوران-چاپقۇن ۋە يامغۇر-يېشىندا پاناھگاھ ۋە دالدا بولىدۇ.
ھەققانىيلىق ئۇنىڭ كەمىرىدۇر، سادىقلىق ئۇنىڭ بەلبىغىدۇر.
ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىشەنچلىك بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. ئۇ پادىشاھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولىدۇ. ئۇ رەھىم-شەپقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ دائىم ئادىل ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىدۇ.
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى، مېنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە قىلغان شەپقەتلىك ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ.
پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ. ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ.