Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 31:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 «ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىنسانلار ياسىمىغان بۇ قىلىچ ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار ئىنساننىڭ قولى بىلەن ياسالمىغان بۇ قىلىچتىن قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى قۇل قىلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 31:8
21 Referans Kwoze  

مەن ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنىدا ئاسسۇرلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن، خەلقىمنىڭ تاغلىرىدا ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەيمەن. ئۇلارنىڭ سالغان قۇللۇق بويۇنتۇرۇقى خەلقىمنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكى خەلقىمنىڭ زىممىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.


كۆرگەندە ئۇ دەم ئېلىش ئورنىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئۇ يەرنىڭ ھۇزۇرلۇقىنى، ئارتىپ يۈكنىڭ ئېغىرىنى مۈرىسىگە، قۇل بولۇپ، جاپالىق ئىشلەشكە مەجبۇر بولار.


لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.


مەن ئۇنى ھازىرلا ئۆسەك گەپلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن.» _ دېدى.


ئەمما سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ تۇيۇقسىزدىن توپىدەك توزۇپ كېتىدۇ. سېنىڭ نۇرغۇن رەقىبلىرىڭ شامالدىكى چاڭ-توزاندەك يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنتايىن تۇيۇقسىز، ھەش-پەش دېگۈچە يۈز بېرىدۇ.


پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمنى جازالاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى ئۇنىڭ ماختانچاقلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن جازالايدۇ.


پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ بارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى ۋە سەركەردىلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرقانچىسى بىرلىكتە ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى.


ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.


ئۇلار قىلىچ ئاستىدىن قاچقانلار، غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچتىن، كىرىچى تارتىلغان ئوقيادىن، شۇنداقلا قايناق ئۇرۇشتىن قاچقانلار.


پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە زەربە بەرگەندەك، ئىسرائىللارغىمۇ زەربە بېرەمدۇ؟ ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرەمدۇ؟


ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.


پەرۋەردىگار بارلىق ئىنسانلارنى ئوت ۋە قىلىچ بىلەن جازالايدۇ، نۇرغۇن ئادەملەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.


لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر. مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن. مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ، قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ. مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق مال قىلىمەن.


ئەي ئادەم بالىسى، ئاممونلار ۋە ئۇلارنىڭ تارتىدىغان خورلۇقلىرى ھەققىدە بېشارەت بەر. ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «قىلىچ، قىلىچ غىلىپىدىن چىقتى، ئۇ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ، ئۇ چاقماقتەك چاقناش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى.


ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ، شۇ چاغدا مەن ئاسسۇرلارغا غەزەپ ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىمەن.


گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ، خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتا شامال ئۇچۇرغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite