Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 30:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مىسىرنىڭ ياردىمى ئەسقاتمايدۇ، ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر. مېنىڭ ئۇنى: ‹جىملا ئولتۇرىدىغان راخاب› دەپ ئاتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 30:7
20 Referans Kwoze  

ئاجىز بەندىگە ئىشىنىشتىن ۋاز كەچكىن. ئۇ نېمىتتى؟ ئۇ نەپسىدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ، خالاس.


ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، يەھۇدىيە ئۆزىنىڭ جاراھىتىنى كۆرگەندە، ئىسرائىلىيە بېرىپ، كۈچلۈك ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سورايدۇ. لېكىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۇلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالمايدۇ، جاراھەتلىرىنىمۇ ساقايتالمايدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ قۇتقۇزۇشىنى كۈتۈش گۈزەلدۇر شۇڭا.


ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «ئېھتىيات قىل، جىددىيلەشمە ۋە قورقما. سۈرىيە پادىشاھى رىزىن ۋە رىماليانىڭ ئوغلىنىڭ غەزىپىدىن بوشاپ كەتمە. ئۇلار خۇددى ئوتى ئۆچكەن ئوتۇننىڭ ئىسىدۇر.


بىراق مۇسا ئۇلارغا: _ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر.


ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!


ئىگەم پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، خاتىرجەملىك بىلەن ماڭا ئىشەنسەڭلار، قۇتقۇزۇلىسىلەر. سىلەر سۈكۈت قىلىپ، ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۇنداق قىلىشنى خالىمايسىلەر.


بۇرۇن پەرۋەردىگار بۇ خەلققە مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ بىر ئارام ئالىدىغان جاي، سىلەر ھارغىنلىق يەتكەنلەرگە ئاراملىق بېرىڭلار! بۇ، كىشىلەر ئارام ئالسا بولىدىغان جاي.» بىراق بۇ خەلق ئاڭلاشنى خالىمىدى.


خۇدا غەزەپلەنسە غەزىپىنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. دېڭىز مەخلۇقى راخابنىڭ ياردەمچىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويىدۇ.


راخابلىق ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا، فىلىستىيەلىك، تىرلىق ھەم ئېفىيوپىيەلىكمۇ شۇ قاتاردا. دەيمەن ئۇلار ھەققىدە: «بۇ ئادەملەر تۇغۇلغان سىئوندا.»


دېڭىزدىكى راخابنى سەن بەربات قىلدىڭ، قۇدرىتىڭدە دۈشمىنىڭنى بىتچىت قىلدىڭ.


سىلەرنى جازالايدىغان كۈن كەلگەندە، يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلارسىلەر؟ كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟ يىغقان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويارسىلەر؟


شۇ چاغدا دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيە خەلقى مۇنداق دەيدۇ: ‹قاراڭلار! بىز ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلار بىزنى ئاسسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالىدۇ، دەپ ئىشەنگەنىدۇققۇ؟ ئەمدى بىزچۇ، بىز قانداق قۇتقۇزۇلىمىز؟›»


يەھۇدىيە خەلقى نومۇسقا قالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ. ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئۇلارغا پەقەت نومۇس ۋە خارلىق ئېلىپ كېلىدۇ.»


سىلەر مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە چەۋەندازلىرى ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلالامسىلەر؟!


ئېغىر كۈنلەردە تايىنىش ۋاپاسىزغا، ئوخشار چىرىگەن چىش، سۇنغان پۇتقا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite