يەشايا 30:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ. Gade chapit la |
شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى. ئۇ يېرۇسالېمغا نۇرغۇن ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە گۆھەرلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈككەن قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى.