Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 30:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 گەرچە يەھۇدىيەنىڭ ئەمىرلىرى ۋە ئەلچىلىرى مىسىرنىڭ زوئان شەھىرى ۋە خانېس شەھىرىگە بارغان بولسىمۇ،

Gade chapit la Kopi




يەشايا 30:4
12 Referans Kwoze  

زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەقىقەتەن ئەخمەق، پىرئەۋننىڭ دانىشمەنلىرى ئەخمىقانە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ: «مەن بىر دانىشمەننىڭ ئوغلى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ئەۋلادى.» ئۇلار نەقەدەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن پىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن-ھە!


ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، مىسىردىكى تاخپانخېس شەھىرىگە باردى.


سىلەر نۇرغۇن ئەتىر ۋە زەيتۇن مېيىنى ئېلىپ، مولەك ئىلاھىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردىڭلار، سىلەر: ‹باشقا ئىلاھلارنى تاپايلى› دەپ، يىراقلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭلار، مۇمكىن بولسا ئۇلار ھەتتا باقىي دۇنياغىمۇ باراتتى.


ئۇلار ماڭا، يەنى مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار خۇددى كېرەكسىز يادەكتۇر. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان ئەسەبىي سۆزلىرى سەۋەبىدىن قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ۋە مىسىرلىقلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.»


مەن مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋەيران قىلغاندا، تاخپانخېس شەھىرىنى زۇلمەت قاپلايدۇ. ئۇنىڭ ماختىنىدىغان كۈچ-قۇدرىتى يوقىتىلىدۇ، شەھەرنى قارا بۇلۇتلار قاپلايدۇ، ئۇنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلىرى ئەسىر ئېلىنىدۇ.


مىسىرنىڭ جەنۇبىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، زوئان شەھىرىگە ئوت قويىمەن، نو شەھىرىنى جازالايمەن.


كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھوشىيا بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك ئالۋان-سېلىق تاپشۇرماي، پىرئەۋن سوھقا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلماقچى بولدى. بۇنى بىلىپ قالغان ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىدى.


ئۇلار دەسلەپ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىبرون شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئاخىمان، شېشاي ۋە تالمايلار ياشايتتى. (ھىبرون مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغانىدى.)


مىسىردىكى زوئان دالالىرىدا، كۆرسىتىلگەنىدى مۆجىزە ئەجدادلىرىمىزغا.


مەن يەرەمىيا دېدىم: «پەرۋەردىگاردىن بىر ۋەھىي كەلدى. ئۇنى جاكارلاشقا ئەۋەتىلگەن ئەلچى، ئەللەر ئارىسىدا: ‹ئۇرۇشقا قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىڭلار! ئىدومغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىشقا تەييارلىق قىلىڭلار!› دەيدۇ».


بۇ مەن ئوبادىياغا كەلگەن ۋەھىي بولۇپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم خەلقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدۇر. بىز پەرۋەردىگاردىن بىر خەۋەر ئالدۇق، ئەللەرگە بىر ئەلچى ئەۋەتىلىپتۇ. ئەلچى: «ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite