Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 30:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ئاندىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايسىلەر. سىلەر ئۇلارنى ئەسكى كىيىمنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارغا «كۆزۈمدىن يوقال!» دەيسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 30:22
24 Referans Kwoze  

شۇندىلا، ھەممىڭلار گۇناھقا پاتقان قولۇڭلار بىلەن كۈمۈش ۋە ئالتۇندىن ياسىغان بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىسىلەر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن بۇ زېمىندىن بۇتلارنى يوقىتىمەن. ئۇلارنىڭ نامى ئۇنتۇلىدۇ. مەن يەنە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە خەلقنىڭ ناپاكلىققا ئىنتىلىش روھىنى بۇ زېمىندىن يوقىتىمەن.


بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ، ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ، ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ.


ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مېنىڭ بۇتلار بىلەن ئىشىم يوق، سىلەرنىڭمۇ ئىشىڭلار بولمىسۇن. دۇئايىڭلارغا قۇلاق سالغۇچى ۋە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن بۈك-باراقسان قارىغايغا ئوخشايمەن. مەن ئالغان مول ھوسۇلۇڭلارنىڭ مەنبەسىدۇرمەن.»


ئۇ چاغ كەلگەندە، ئۆزۈڭلارنىڭ بۇرۇن قىلغان ناچار ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر ۋە بۇرۇنقى گۇناھ ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر.


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


ئۇ تاغدىكى بۇتخانىلارغا بېرىپ قۇربانلىق گۆشلىرىنى يېمىسە، ئىسرائىللار چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنمىسا، زىنا قىلمىسا، ھەيزدار ئايالغا يېقىنلاشمىسا،


سىئون قولىنى سوزۇپ ياردەم سورايدۇ، لېكىن ھېچكىم پەرۋا قىلماس ئۇنىڭغا. پەرۋەردىگار ئەمر قىلدى قوشنا ئەللەرگە: «دۈشمەن بول» دەپ ياقۇپ نەسلىگە. يېرۇسالېم قوشنا ئەللەرنىڭ نەزىرىدە بولۇپ قالدى ئەمدى يىرگىنچلىك بىر نەرسە.


لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.


ھەممە ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، توپلانغان ئىسرائىللار يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىدىكى ھەممە شەھەرلەرگە بېرىپ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى. غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلارنى بۇزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز شەھەرلىرىگە ۋە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى.


- يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.


بۇتنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالامسىلەر؟ بۇتنى قۇيمىچى قۇيۇپ چىققان، زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ھەل بېرىپ، كۈمۈش زەنجىرلەر بىلەن بېزىگەن.


كۈمۈشلەر كوچىلارغا تاشلىۋېتىلىدۇ، ئالتۇنلار ناپاك دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار غەزىپىنى ياغدۇرغان كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ، قورسىقىنى تويدۇرالمايدۇ، نەپسىنى قاندۇرالمايدۇ. ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئۇلارنى گۇناھقا پاتۇردى.


شۇڭا ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «توۋا قىلىڭلار، بۇتلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.


مەيلى قايسى خىل كىيىم بولسۇن، ياكى قوي يۇڭىدا، زىغىر تالاسىدا تىكىلگەن نەرسە ياكى خۇرۇمدا قىلىنغان نەرسە بولسۇن، روھانىي ئۇنى چوقۇم كۆيدۈرۈۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن پاختىلىشىپ قالغاندۇر. پاختىلىشىپ قالغان كىيىم-كېچەك، نەرسىلەر چوقۇم كۆيدۈرۈپ تاشلانسۇن.


ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. بۇتلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە كۆز قىزارتماڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلىۋالماڭلار. چۈنكى بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر سىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇلاردىن يىرگىنىدۇ.


ئۇلار گۈزەل بېزەك بۇيۇملىرىدىن مەغرۇرلىنىپ، ئۇلاردىن يىرگىنچلىك بۇتلارنى ياساشقانىدى. شۇڭا مەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلار ئۈچۈن ناپاك نەرسىگە ئايلاندۇرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite