Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 30:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 گەرچە ئىگىمىز سىلەرگە بالا-قازادىن غىزا ۋە مۈشكۈلاتتىن ئۇسسۇلۇق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار خۇدا ئۆزىنى ئەمدى سىلەردىن يوشۇرمايدۇ. سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 30:20
17 Referans Kwoze  

قايغۇ بەردىڭ نان ئورنىغا يېيىشكە، چېلەك-چېلەك ياشنى بەردىڭ ئىچىشكە.


ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى.


ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.


بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار.


كارامەتلىرىڭ غايىب بولدى ئارىمىزدىن، پەيغەمبەرمۇ كەتتى يىراق يېنىمىزدىن. قاچانغىچە داۋام قىلار بۇ ئىشلار-ھە، ھېچكىم بىلمەس بۇنى ئەگەر سوراپ باقساڭ ھەممىسىدىن.


سەن قەھر-غەزەپ قىلغاچ ماڭا، كۈل يېدىم قورسىقىمغا نان ئورنىغا. كۆز يېشىمسىز ئىچەلمەيمەن ئىچىملىكىمنى، بەرھەق، خۇدا ئەخلەت كەبى تاشلىدىڭ مېنى.


ئۆتۈپ كېتەر غەزىپى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەمما ئۇنىڭ شاپائىتى ھەمراھدۇر ئاداققىچە. كېچىچە داۋام ئەتسىمۇ گەر يىغا-زارە، شاد-خۇراملىق يېتىپ كېلەر سەھەردە.


قۇربانلىق گۆشنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن يېمەڭلار. يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يەڭلار. سىلەر ئەينى چاغدا مىسىردىن تېز چىقىپ كەتكەنىدىڭلار. شۇڭا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا پېتىر نان يېسەڭلار، مىسىردىن چىققان ئاشۇ كۈننى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەپ تۇرىسىلەر.


ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىلتىپات قىلىپ، بەزىلەرنى ئەلچى، بەزىلەرنى پەيغەمبەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى، يەنە بەزىلەرنى جامائەتچىلىك مەسئۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچى قىلدى.


ھوسۇلنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدادىن كۆپرەك ئىشچى ئەۋەتىپ، ھوسۇلنى يىغىۋېلىشنى تىلەڭلار، - دېدى.


ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى.


ئۇلار خۇدا توغرۇلۇق: «ئۇ كىمگە ئەقىل ئۆگىتىدۇ؟ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى كىم چۈشىنىدۇ؟ ئەمچەكتىن ئەمدىلا ئايرىلغان، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئەمدىلا چىققان گۈدەكلەرگە سۆزلەۋاتامدۇ؟


مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ، قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.


ئەسىردىكىلەر ئازادلىققا چىقىدۇ، ئۇلار زىنداندا ئۆلمەيدۇ، ئۇلار يېمەكلىككىمۇ زار بولمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite