Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 30:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 30:18
69 Referans Kwoze  

رەببىمىز ھەرگىزمۇ بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۆزىنىڭ قايتا كېلىشى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى كېچىكتۈرگىنى يوق. بەلكى، ئۇ سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىش سەۋەبىدىن تېخى قايتا كەلمىدى. خۇدا ھېچكىمنىڭ مەڭگۈ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ.


روناق تاپار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە كۆڭۈل قويغانلار، بەختلىك بولار ئىشەنچىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.


مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى رەت قىلغان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن، مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم.


شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى! مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز. ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.»


ھېس قىلغىن ۋە بىلگىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى، شۇنچىلىك بەختلىك بولار باشپاناھ قىلغانلار ئۇنى.


رەببىمىزنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىنى كۆپ ئادەملەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار. بۇ دەل قەدىرلىك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان ئەقىل-پاراسەت بىلەن سىلەرگە يازغىنىغا ئوخشاشتۇر.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئوي-پىكرىڭلار مېنىڭ ئوي-پىكرىم ئەمەس، سىلەرنىڭ يولۇڭلار مېنىڭ يولۇم ئەمەس.


تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى.


پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ. ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ.


خۇدادا ئەنە شۇنداق ھوقۇق يوقمۇ؟! خۇدا گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ئەسلى ئۆز غەزىپىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتمەكچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇ بۇ ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغانلارغا غەزىپىنى كۆرسەتمەي، بەلكى سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلدى.


لېكىن ماڭا ئىشەنگەن، ئىشەنچىنى ماڭا باغلىغانلار بەخت تاپىدۇ.


بىز مانا مۇشۇنداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر خىل ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاخىردا خۇدانىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قانداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر.


بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ، مۇقەددەس خۇدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىدۇ.


ئارتۇق سۆزلىمەڭلار بېرىلىپ كىبىرلىككە، ئاغزىڭلاردىن چىقمىسۇن تەكەببۇرلۇق سۆزلەر يەنە. چۈنكى پەرۋەردىگار ھەممىنى بىلگۈچى خۇدادۇر، قىلغان ئەمەللەرنى ئۇ تارتار تارازىدا.


خۇدا بىزگە بۇ مېھىر-شەپقەتنى چەكسىز ئەقىل-ئىدراك بىلەن ياغدۇرۇپ،


تەۋرات قانۇنىنىڭ بېرىلىشى كىشىلەرگە ئۆز گۇناھىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن، قەيەردە گۇناھ كۆپ بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە ھەسسىلەپ ئاشتى.


خۇدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسانى يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى.


شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا شىمون ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، خۇداغا ئىخلاسمەن، دۇرۇس بۇ ئادەم خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا تەسەللى بېرىدىغان قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يار ئىدى.


سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر» دەيسىلەر. يەنە سىلەر: «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلايسىلەر.


ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا، تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا، ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.


پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: _ مەن «ياھۋەھ»دۇرمەن، پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك خۇدادۇرمەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن. مەن چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ۋاپادار خۇدادۇرمەن.


شۇڭا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتىگە مەدھىيىلەر ئوقۇيمىز. بىز خۇدانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بۇنداق غايەت زور مېھىر-شەپقەتنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلدى.


ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ».


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز جايىمدا ھەممە ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىمەن. مەن تومۇز كۈنلىرىدىكى ئىسسىق ھاۋادەك، ھوسۇل مەزگىلىدە ئەتىگىنى چۈشكەن شەبنەمدەك تىۋىشسىز تۇرىمەن.»


ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا، ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا.


ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغانلار.


شۇڭا سەن: ‹مەن خۇدانى كۆرمىدىم، مېنىڭ ئىشلىرىم ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇ مېنى ساقلىتىدۇ› دېسەڭ، ئۇ چوقۇم پەرۋا قىلمايدۇ.


ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر.


شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇنى قايتىدىن ئۆزۈمگە قىزىقتۇرىمەن. چۆلگە ئاپىرىپ، شېرىن سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى ئالىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇزۇن مەزگىل سۈكۈت قىلدىم، جىم تۇردۇم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. مەن ئەمدى ئاياللار تولغاق ئازابىدىن ۋارقىرىغىنىغا ئوخشاش، قاتتىق ۋارقىراپ، پەرياد قىلىمەن.


ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.


ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.


ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.


مەن بىر ئادالەت سىزىقى تارتىمەن، ھەققانىيلىقنى سىناش سىزىقى قىلىمەن. يالغانچىلىق بىلەن قۇرۇلغان پاناھلىق جاينى مۆلدۈرلەر ۋەيران قىلىدۇ. كەلكۈنلەر سىلەرنىڭ دالدىلانغان جايىڭلارنى بېسىۋالىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، بىزگە رەھىم قىلغىن! بىز ساڭا ئۈمىد باغلاپ، كۈتۈپ تۇرىمىز. ھەر كۈنى بىزگە كۈچ-قۇدرەت بەرگىن. بېشىمىزغا كۈلپەت چۈشكەندە بىزنى قۇتقۇزغىن.


مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.


مەن ئۆزۈمنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىق ئۈچۈنلا غەزىپىمنى بېسىپ كەلدىم، ئۆزۈمنىڭ شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈنلا قىلمىشلىرىڭلارغا چىداپ كېلىپ، سىلەرنى يوقاتمىدىم.


«چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئادالەتنى ياخشى كۆرىمەن، بۇلاڭچىلىقنى ۋە رەزىللىكنى ئۆچ كۆرىمەن، مەن ساداقەتلىك بىلەن خەلقىمگە جاۋاب قايتۇرىمەن، مەن خەلقىم بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن.


سەندىن باشقا بىر خۇدانىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ئىشتىپ باقمىدى، كۆرۈپمۇ باقمىدى.


ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا جاۋاب كەلدى.


ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، 1335 كۈن ساقلىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!


لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.


مەن داۋاملىق ئەيىبلەپ، مەڭگۈ غەزەپلىنىپ يۈرمەيمەن، شۇنداق قىلغان بولسام، مەن جان ئاتا قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار ئالدىمدا روھسىزلىنىپ كېتەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite