يەشايا 30:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ بىر ئادىمىدىن، مىڭ ئادىمىڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ بەش ئادىمىدىن، سىلەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنۇڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. سىلەر خۇددى تاغدىكى يالغۇز بايراق خادىسىدەك، ياكى يىراق تاغ چوققىسىدىكى بايراقتەك، يېگانە قالىسىلەر.» Gade chapit la |
خۇددى ياۋا زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرى باغدىكى شاخلىرى سۇندۇرۇۋېتىلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغانغا ئوخشاش، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرمۇ سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلارنىڭ، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئورنىغا ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ئۇلاندىڭلار. دېمەك، سىلەر بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغان بەختتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.