11 رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ، قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.
رەزىل ئادەملەرنىڭ بەختىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتى خۇددى سايىدەك قىسقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكى دەل ئۇلارنىڭ خۇدادىن قورقمىغانلىقىدىن بولغاندۇر.
چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.
جازالىغايسەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ، قىلغان يامانلىقلىرىنى ھېسابلاپ. قايتۇرۇپ بەرگىن ئەمەللىرىگە لايىق جازا، قوللىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ساناپ.
ئۇ يەردە ئەمدى بوۋاقلار تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، ياشانغانلار قېرىپ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلىدۇ. يۈز ياش ئۆمۈر كۆرگەنلەر ياش ھېسابلىنىدۇ. يۈز ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر قارغىشقا كەتكەنلەر ھېسابلىنىدۇ.
پەرۋەردىگار: «رەزىل ئادەملەرگە ئامانلىق يوقتۇر» دەيدۇ.
شۇڭا سىلەر ئۆز بېشىڭلارنى يەيسىلەر، ئۆزۈڭلار كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭلار چۈشىسىلەر.
چۈنكى، ھەربىرىمىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىكى ياخشى-يامان ئەمەلىيىتىمىزگە يارىشا چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھېساب بېرىپ جاۋابقا ئېرىشىمىز.
سەن ھەققانىيلارنى گۇناھكارلار بىلەن بىرگە يوقاتمايسەنغۇ، ئۇنداق قىلماسسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ، ھەققانىيلار گۇناھكارلار بىلەن تەڭ جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ مۇمكىنمۇ؟ سەن پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسى تۇرساڭ، جەزمەن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن! _ دېدى.
سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن ۋە خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقارغايسەن. گۇناھكارنى جازالاپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىنى ھەققانىي ئادەم دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا ھەققانىيلىقىغا يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن.
گۇناھىم بولسا بالاغا قالاتتىم، پاك تۇرۇپمۇ بېشىمنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن، ھەمدە نومۇستا قېلىپ، يەتكۈچە ئازاب چېكىۋاتىمەن.
ئادەم ياخشى سۆزى بىلەن ياخشىلىق تاپار، مېھنىتى بىلەن ئىنئامغا سازاۋەر بولار.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دۇنيانى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن جازالايمەن، رەزىل ئادەملەرنى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلانغانلارنى پەسلەشتۈرىمەن. شەپقەتسىزلەرچە غادايغانلارنى يەرگە ئۇرىمەن.
قارا، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا يېزىقلىق تۇرىدۇ، مەن جىم تۇرماسلىقىم، چوقۇم جازالىشىم كېرەك، مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار تاغلاردا يالغان ئىلاھلارغا كۈجە كۆيدۈرۈپ، تۆپىلىكلەردە ماڭا ھاقارەت قىلدى. مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»
مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن. ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.»
بەلكى ھەممە ئادەم ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. ئاچچىق ئۈزۈمنى كىم يېسە شۇنىڭ چىشى قامايدۇ.»
ئۇ قول ئورام يازمىنى ئالدىمدا ئاچتى، ئورام يازمىنىڭ ھەر ئىككىلا يۈزى ھەسرەت، قايغۇ ۋە ماتەم سۆزلىرىگە تولغانىدى.
كىم گۇناھ قىلسا، شۇ ھالاك بولىدۇ. بالىسى ئاتىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا، ئاتىسىمۇ بالىسىنىڭ قىلمىشلىرىغا جاۋابكار ئەمەستۇر. ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىغا لايىق ئىنئامغا ئېرىشىدۇ، رەزىللەر رەزىللىكىگە لايىق جازالىنىدۇ.
مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار دەيدىغىنىمنى دېدىم، ئەمدى ھەرىكەت قىلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى. دېگەنلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، نىيىتىمدىن يانمايمەن، ئاياپ قويمايمەن، پۇشايمانمۇ قىلمايمەن. تۇتقان يولۇڭلار ۋە قىلغان قىلمىشلىرىڭغا يارىشا جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»
ئەگەر مەن رەزىل كىشىگە: «ئەي رەزىل، سەن چوقۇم ئۆلىسەن» دېسەم، لېكىن سەن ئۇنىڭ يامان يولىدىن يېنىشىغا نەسىھەت قىلمىساڭ ياكى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويمىساڭ، ئۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك بولىدۇ. ئۇنداقتا مەن سەندىن ئۇنىڭ قېنى ئۈچۈن ھېساب ئالىمەن.
لېكىن بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنىسىلەر. ئەمما پەرۋەردىگار جاۋاب بەرمەيدۇ. سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار سىلەردىن دىدارىنى يوشۇرىدۇ.
لېكىن يەر-زېمىن كىشىلەرنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.
ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر.
خۇدا يەنە شەكەملىكلەر قىلغان بارلىق يامانلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈردى. يېرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتەمنىڭ ئوقۇغان لەنىتى ئەمەلگە ئاشتى.
مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۈستۈڭگە بالايىئاپەت ياغدۇرىمەن، سېنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ئىسرائىلىيەدىكى ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن.
سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا جازالانغان تۇرسا ھەققانىيلار، يامانلار بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟
كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر، ئۆزگىگە دومىلاتقان تاش ئۆزىگە قايتار.
مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹سەن قىلغان قەسىمىڭگە ۋاپا قىلماي، ئەھدىمىزنى بۇزدۇڭ. شۇڭا قىلمىشىڭغا يارىشا جازالىنىسەن.