Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 29:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئاچ قالغان كىشىلەر چۈشىدە تاماقلانغاندەك، ئەمما ئويغانغاندا يەنىلا ئاچ قورساق تۇرغاندەك، چاڭقاپ كەتكەن كىشىلەر چۈشىدە ئۇسسۇلۇق ئىچكەندەك، ئەمما ئويغانغاندا يەنىلا ئۇسسىز، ھارغىن قوپقاندەك بولىدۇ. مانا بۇ، سىئون تېغىغا ھۇجۇم قىلغان سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ ھالى.»

Gade chapit la Kopi




يەشايا 29:8
10 Referans Kwoze  

بۇت ياسايدىغان تۆمۈرچى مېتال ئەسۋاب بىلەن بۇيۇمنى ئوتقا سېلىپ قىزىتىدۇ، بولقىسى بىلەن سوقۇپ، ئۇنى ياسايدۇ، قولىنىڭ كۈچى بىلەن ئىشلەيدۇ، قورسىقى ئېچىپ ۋە ھېرىپ كېتىدۇ، ئۇ چاڭقاپ مادارىدىن كېتىدۇ.


ئۇلارنىڭ ھاياتى چۈشكە ئوخشار، ئويغانسىلا ھەممىسى يوقىلار. ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايسەن ئەسلا، ئى رەببىم ئورنۇڭدىن قوزغالغاندا.


پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ بارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى ۋە سەركەردىلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرقانچىسى بىرلىكتە ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى.


ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ، سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن. بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر. مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


قاراڭلار، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى يېتىپ كەلمەكتە، ئۇ تىنچلىقنى جاكارلىماقتا! ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، ئەمدى ھېيتلىرىڭلارنى تەبرىكلەۋېرىڭلار! قىلغان قەسەملىرىڭلارغا ئەمەل قىلىۋېرىڭلار! قەبىھ ئاسسۇرلار ئەمدى سىلەرگە ھەرگىز ھۇجۇم قىلالمايدۇ، ئۇلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.


سىئونغا نەپرەت بىلەن قارايدىغانلار، رەسۋا قىلىنىپ ئارقىسىغا چېكىندۈرۈلسۇن.


سىلەرگە غەزەپلەنگەنلەر چوقۇم شەرمەندە بولۇپ، نومۇس قىلىدۇ. سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇپ، يوقىلىدۇ.


سىلەرنى بويسۇندۇرماقچى بولغانلارنى ئىزدىسەڭلار، ئەمدى تاپالمايسىلەر. سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلار ئەمدى يوق.


ئەي نىنەۋىلىكلەر، ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! سېپىللىرىڭلارغا قاراۋۇللارنى قويىۋېرىڭلار، يوللارنى مۇھاپىزەت قىلىۋېرىڭلار، قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىپ، كۈچۈڭلارنى توپلاۋېرىڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite