7 ئارىئېل بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئۇنىڭ سېپىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، خەلقىگە ئازاب سالغان بارلىق دۆلەتلەر خۇددى كېچىدىكى چۈشتەكلا غايىب بولىدۇ!
ئۇ خۇددى چۈشتەك يوقايدۇ ۋە تاپقىلى بولمايدۇ، كېچىسى پەيدا بولغان خىيالدەك غايىب بولىدۇ.
ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتلىنىمەن.
كەچ كىرگەندە ئىسرائىللارنى ۋەھىمە باسقان بولسا، تاڭ ئاتقۇچە دۈشمەن غايىب بولىدۇ. مانا بۇ بىزنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ تەقدىرى، بىزنى بۇلىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى.
ئۇلارنىڭ ھاياتى چۈشكە ئوخشار، ئويغانسىلا ھەممىسى يوقىلار. ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايسەن ئەسلا، ئى رەببىم ئورنۇڭدىن قوزغالغاندا.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.
يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇپقۇرۇق بىر بوشلۇقتىن ئىبارەت.
قاراڭلار، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى يېتىپ كەلمەكتە، ئۇ تىنچلىقنى جاكارلىماقتا! ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، ئەمدى ھېيتلىرىڭلارنى تەبرىكلەۋېرىڭلار! قىلغان قەسەملىرىڭلارغا ئەمەل قىلىۋېرىڭلار! قەبىھ ئاسسۇرلار ئەمدى سىلەرگە ھەرگىز ھۇجۇم قىلالمايدۇ، ئۇلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.
ئەي نىنەۋىلىكلەر، ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! سېپىللىرىڭلارغا قاراۋۇللارنى قويىۋېرىڭلار، يوللارنى مۇھاپىزەت قىلىۋېرىڭلار، قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىپ، كۈچۈڭلارنى توپلاۋېرىڭلار!