Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 29:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مەن سېنىڭ ھەممە تەرىپىڭگە بارگاھ قۇرىمەن، ئەتراپىڭغا مۇنارلارنى ياسايمەن، سېپىلىڭغا توپا دۆۋىلەپ، ھۇجۇم قىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 29:3
9 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پالنىڭ جاۋابى، يەنى يېرۇسالېم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن يېرۇسالېم سېپىلىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىگە: «قىرىڭلار، چۇقان سېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىغا قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلەپ، شەھەرنى قورشاش ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ.


غەزەپكە كەلگەن پادىشاھ لەشكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ.


پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا يېرۇسالېمغا قارشى بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېم دەرۋازىسى يېنىغىمۇ كېلەلمەيدۇ ۋە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سېپىل تۈۋىگە توپىمۇ دۆۋىلىيەلمەيدۇ.


كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى زور قوشۇنى بىلەن بىرگە لاكىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ «يۇقىرىدىكى كۆلچەك»كە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى.


لېكىن شەھەرنى قورشاش ئۈچۈن مېۋىسىز دەرەخلەرنى كەسسەڭلار ۋە ئۇلارنى تاكى شەھەرنى ئالغۇچە ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.


غېرىبانە سىئون يالغۇز قالدى، ئۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى يېگانە چەللىگە، قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى كەپىگە ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرگە ئوخشاش يالغۇز قالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite