يەشايا 29:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 شۇ چاغدا گاس ئادەملەر دەستۇرلاردىن ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتىكى ئەمالار كۆرىدۇ. Gade chapit la |
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا: - سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈپ: «كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.
«خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ˜ئازاد بولىسىلەر!Œ، قارىغۇلارغا: ˜كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!Œ دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى. خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»