Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 29:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 مەن سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلىك ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ سىلەر ئۈچۈن پېچەتلەگلىك دەستۇرغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇنى ئوقۇيالايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇيالمايمىز، چۈنكى بۇ دەستۇر پېچەتلەگلىك ئىكەن» دەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 29:11
11 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى.


ئەي دانىيال، سەن ئەمدى بۇ پۈتۈكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاكى زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار ئۈستىدە يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشىپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.


تەلىملىرىم پۈتۈلگەن يازمىلىرىمنى ئوراپ قويغىن، شاگىرتلىرىمغا ئېيتىلغان بۇ تەلىملىرىمنى پېچەتلەپ قويغىن.


ئۇ مۇنداق دېدى: _ ئەي دانىيال، سەن كېتىۋەرگىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىنىپ، مەخپىي تۇتۇلىدۇ.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن.


ئاندىن، قوزىنىڭ يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنچىسىنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا، تۆت تىرىك مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - نېمىدېگەن بەختلىكسەن، يۇنۇس ئوغلى سىمۇن! بۇنى ساڭا ئاشكارىلىغۇچى ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتام خۇدادۇر.


لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار شاراب بىلەن مەست بولىدۇ، ئۇلار كۈچلۈك شارابلارنى ئىچىپ، ئىرغاڭلاپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلار شاراب بىلەن مەست بولۇپ، قايمۇقۇپ قالىدۇ. ئۇلار دەلدەڭشىپ يۈرۈشىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ، روھانىيلار خاتا ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىدۇ.


ئەگەر بۇنى ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇشنى بىلمەيمىز» دەيدۇ.


شۇ چاغدا گاس ئادەملەر دەستۇرلاردىن ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتىكى ئەمالار كۆرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite