يەشايا 29:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق ئۇيقۇ بەردى. پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ كۆزلىرى يۇمدۇرۇلۇپ قويۇلغان. غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ بېشى چۈمكەپ قويۇلغان. Gade chapit la |
ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل. ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. (ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر خۇدادىن بىرەر ئىشنى ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى.)