يەشايا 29:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم _ داۋۇت بارگاھ قۇرغان شەھەر ئارىئېل، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! سېنىڭ ئادەملىرىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەپ ئويناۋەرسۇن. Gade chapit la |
سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالمايسىلەر. سۇنغان قۇربانلىقلىرىڭلاردىنمۇ پەرۋەردىگار خۇرسەن بولمايدۇ. قۇربانلىقلىرىڭلارنى كىم يېسە، شۇ مۇسىبەت بولغان ئائىلىنىڭ تامىقىنى يېگەنگە ئوخشاش ناپاك بولىدۇ. سىلەرنىڭ قۇربانلىقىڭلار بىلەن پەقەت ئاچلىقنى بېسىشقىلا بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ.
لېكىن بەزىلەر مەن ئۈچۈن كالا بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئاتاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدۇ، ماڭا قوي قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ سۇنىدۇ، ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇپ، يەنە ھەم بۇتلارغا چوشقا قېنىنى سۇنىدۇ، ماڭا ئىسرىق سېلىپ، يەنە ھەم ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى مەدھىيەلەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ، قەلبىدىكى يىرگىنىشلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ.