8 ئۇلارنىڭ شىرەلىرى قۇسۇقلارغا تولۇپ، ھەممە يېرى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.
موئاب خەلقى تەكەببۇرلىشىپ مەندىن يۈز ئۆرۈدى، شۇڭا ئۇلار جازا شارابىمنى ئىچىپ، مەست بولسۇن! ئۇلار ئۆز قۇسۇقىغا مىلىنىپ يېتىپ، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالسۇن.
ئىت ئايلىنىپ كېلىپ يالىغاندەك ئۆز قۇسۇقىنى، قايتار ئەخمەق ئۆز ئەخمەقلىقىنى.
ئويلاپ كۆرۈڭلار! لېكىن سىلەر شاد-خۇرام ھالدا تاماشا قىلىپ يۈردىڭلار، كالا-قويلارنى سويۇپ، ئېسىل تائاملارنى يەپ، شارابلارنى ئىچىپ يۈردىڭلار! سىلەر شۇنداق دېگەن: «يەيلى، ئىچەيلى، ئەتە بەرىبىر ئۆلىمىز!»