6 ئۇ، خەلقنىڭ سوتچىلىرىغا ئادالەتنى ئاتا قىلىدۇ. شەھەر سېپىلىنى قوغدايدىغان ئەزىمەتلەرگە كۈچ بېرىدۇ.
مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سوراق قىلىمەن. مېنىڭ ھۆكۈمۈم ئادىلدۇر. چۈنكى، مېنىڭ نىيىتىم مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.
مەن ساڭا: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، قورقما ھەم بوشىشىپ قالما» دەپ بۇيرۇغان ئەمەسمىدىم! چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، مەن پەرۋەردىگارىڭ، يەنى سەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا يار بولىمەن.
خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.
مۇقەددەس روھ بىر كىشىگە ئاقىلانە سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. يەنە بىر كىشىگە بولسا بىرەر ئىش توغرۇلۇق خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم بېرىدۇ.
پادىشاھ تەختىدە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرار، نەزەر سېلىپ ھەممە ياماننى ياخشىدىن ئايرار.
كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.
ئۇنىڭغا يار بولغۇچى ئىنسان بولسا، بىزگە يار بولغۇچى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇر. ئۇ بىزگە ياردەمدە بولىدۇ، بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. خەلق پادىشاھ خىزكىيانىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىلھاملاندى.
پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئاشتى. چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەقىل-پاراسەت بەرگەنلىكىنى بىلدى.
چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، سىلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.»
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ
ئۇ قوشۇنلىرىغا سەركەردىلەرنى تەيىنلەپ، خەلقنى شەھەر دەرۋازىسى يېنىدىكى مەيدانغا توپلىدى. ئۇ خەلققە ئىلھام بېرىپ، مۇنداق دېدى:
ئىگىمىز سوراق ۋە جازالاش ئارقىلىق سىئون ئاياللىرىنىڭ مەينەتچىلىكىنى يۇيىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنىمۇ تازىلايدۇ.
سەن يوقسۇللارنىڭ باشپاناھىسەن، قىيىنچىلىقتا قالغان بىچارىلەرنىڭ باشپاناھىسەن. بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان پاناھگاھىسەن ۋە ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان سايىسەن. زالىملار دەھشەتلىك بوراندەك ھۇجۇم قىلىدۇ،
پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ. ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ.
يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىگە شۇنداق دېيىشىدۇ: ‹يېرۇسالېم ئاھالىلىرى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىدۇ›.