Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 28:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى تىرنا بىلەن ئايرىغىلى بولمايدۇ، زىرە ئۇرۇقىنى تاش تۇلۇق بىلەن تەپكىلى بولمايدۇ. سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى چىۋىق بىلەن، زىرە ئۇرۇقىنى توقماق بىلەن ئايرىغۇلۇق.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 28:27
10 Referans Kwoze  

قاراڭلار، مەن سىلەرنى خامان يانجىيدىغان چىشلىق سايمانغا ئايلاندۇرىمەن، سىلەر تاغلارنى يانجىپ ئېزىۋېتىسىلەر، چوققىلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىسىلەر، ئېدىرلىقلارنى يانجىپ، ساماندەك قىلىۋېتىسىلەر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەمەشق خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! تۆمۈر چىشلىق تۇلۇق بىلەن خامان ئەزگەندەك، ئۇلار گىلئادتىكى خەلقىمنى يانجىپ ئەزدى.


ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.»


ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭنى تەربىيەلىگىن، بىراق بىزگە غەزەپلەنگىنىڭدە، بىزنى بەك قاتتىق جازالىمىغايسەن، بولمىسا بىز تۈگىشىمىز.


ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخازنىڭ قوشۇنىنى خۇددى خاماننى دەسسەپ چەيلىگەندەك چەيلەپ ۋەيران قىلغاچقا، ئاخىرى ئۇلاردىن پەقەت ئەللىك ھارۋىلىق لەشكەر، ئون جەڭ ھارۋىسى ۋە ئون مىڭ پىيادە لەشكەرلا قالغانىدى.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم تەرەپلىرى بولغان ھەققانىيلىق، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىققا سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.


دانا پادىشاھ توپان سورۇغاندەك سورۇۋېتەر يامانلارنى، خامان تەپكەندەك ئايرىۋېتەر ئۇلارنى.


چۈنكى، خۇدا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.


نان ياسايدىغان ئاشلىقنى ئېزىش ئاسان، شۇڭا ھېچكىم ئۇنى يەنە يەنجىۋەرمەيدۇ. بۇغداينى تاش تۇلۇق بىلەن خاماندا تەپكەندە، ئۇنى ھەرگىزمۇ قاتتىق ئەزمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite