Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 28:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 چۈنكى، خۇدا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




يەشايا 28:26
13 Referans Kwoze  

مۇسا بىزالئېل، ئوھولىئاب ۋە پەرۋەردىگار قابىلىيەت ئاتا قىلغان، شۇنداقلا قەلبى تەسىرلىنىپ، خىزمەت قىلىشنى خالىغان كىشىلەرنى يىغدى.


ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس.


خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.


ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن قورام تېشىم بولغان خۇداغا، ماھىر قىلار ئۇ مېنىڭ قوللىرىمنى جەڭ قىلىشقا.


چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلمىغان، ئىدراك بەرمىگەنىدىم.


خۇدا ئىنساننى ھايۋاندىن ئەقىللىق ياراتتى. ئاسماندىكى قۇشلاردىنمۇ پاراسەتلىك قىلدى.


بۇ كىيىملەرنى ئىقتىدار ئاتا قىلىنغان بارلىق ئۇستىلارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى تىكسۇن. ھارۇن ماڭا بېغىشلىنىپ، مېنىڭ روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىدۇ.


يات ئەللەرنى جازالىغۇچى خۇدا جازالىماسمۇ سىلەرنى؟ ئىنسانغا ئەقىل ئۆگەتكۈچى تەربىيەلىمەسمۇ ئادەمنى؟


ئۇلار خۇدا توغرۇلۇق: «ئۇ كىمگە ئەقىل ئۆگىتىدۇ؟ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى كىم چۈشىنىدۇ؟ ئەمچەكتىن ئەمدىلا ئايرىلغان، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئەمدىلا چىققان گۈدەكلەرگە سۆزلەۋاتامدۇ؟


ياق! ئۇ يەرنى تەكشى تۈزلەپ، ئاندىن سېرىقچېچەك ئۇرۇقى ۋە زېرە ئۇرۇقى چاچىدۇ. ئۇ يەرنى يۇمشىتىپ، بۇغداي تېرىيدۇ، قىر ئېلىپ ئارپا تېرىيدۇ، يەنە ئېتىز ئەتراپلىرىغا باشقا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ.


سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى تىرنا بىلەن ئايرىغىلى بولمايدۇ، زىرە ئۇرۇقىنى تاش تۇلۇق بىلەن تەپكىلى بولمايدۇ. سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى چىۋىق بىلەن، زىرە ئۇرۇقىنى توقماق بىلەن ئايرىغۇلۇق.


لېكىن ئىنسانغا ئەقىل-پاراسەت بېرىدىغىنى ئىنساندىكى روھتۇر، يەنى ھەممىگە قادىر خۇدادىن كەلگەن نەپەستۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite