Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يەشايا 28:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ھەر قېتىم بالايىئاپەت كەلگەندە، سىلەرنى يالماپ كېتىدۇ. شۇنداق، ھەر كۈنى سەھەر ئۇ يامراپ كېلىدۇ. ئۇ كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ كېلىدۇ.» ئەگەر سىلەر بۇ سۆزلەرنى چۈشەنگەن بولساڭلار، ۋەھىمىگە چۈشكەن بولاتتىڭلار!

Gade chapit la Kopi




يەشايا 28:19
26 Referans Kwoze  

ئاڭلاپ بۇلارنى شۈركەندى تېنىم. شاۋقۇندىن ھەم تىترىدى لېۋىم. قورقۇنچتىن بوشاپ كەتتى پۇت-قوللىرىم، غال-غال تىترەپ، دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم. كۈتەرمەن شۇندىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن، بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈننى.


مەن ماغدۇرسىزلىنىپ، بىرقانچە كۈن ئاغرىپ، يېتىپ قالدىم. كېيىن يەنە پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە كەلدىم. ئەمما بۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي، تېڭىرقاپ قالدىم.


كۆرگەنلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. قورققىنىمدىن چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ ئىشلارنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىپ قالدىم.


«ئەي يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹قۇلاق سېلىڭلار! مەن بۇ جايغا شۇنداق بىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.


ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئەقىل-پاراسەت بېرىپ، چارچىغانلارغا قانداق سۆزلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى ئۆگەتتى. ھەر كۈنى سەھەردە ئىگەم مېنى ئويغىتىدۇ، مېنى شاگىرتقا ئوخشاش دىققەت بىلەن ئاڭلىسۇن دەپ، قۇلاقلىرىمنى ئاچتى.


ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىمىز خىزكىيا مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىدەك بولۇپ قالدۇق.


خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىشقان ھالدا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.


بىلىڭلار، سىلەرنىڭ باتۇر لەشكەرلىرىڭلار كوچىلاردا ئۈن سېلىپ يىغلايدۇ. تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىڭلار قاتتىق يىغلايدۇ.


پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، يەھۇدىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئۈچۈن يىھوياقىمغا قارشى بابىل، ئاررام، موئاب ۋە ئاممون قاراقچىلىرىنى ئەۋەتتى.


ئەتراپنى ۋەھىمە قاپلاپ، ئۇنى بارغانچە قىستاپ كەلمەكتە.


مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹ئاڭلاڭلار، مەن يېرۇسالېمغا، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەگە شۇنداق بىر بالا-قازا چۈشۈرىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى چۆچۈپ كېتىدۇ.


پادىشاھ خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 14-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى.


ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سامارىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، خەلقنى ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى ۋە ئۇلارنى ئاسسۇردىكى خالاخ شەھىرىگە، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرىگە ۋە مىدىيادىكى شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇردى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سامۇئىل، مەن ئىسرائىللار ئىچىدە شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ.


ماڭا ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوقلىرى تەگدى، روھىم ئۇنىڭدىكى زەھەرنى سۈمۈرمەكتە، خۇدا مېنى ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن قورقۇتماقتا.


تاڭ نۇرى ئۇلار ئۈچۈن زۇلمەتلىكتۇر، كېچىنىڭ قورقۇنچى ئۇلارنىڭ دوستى بولىدۇ.


يۈرىكىم سىقىلار قەپىسىدە، ۋۇجۇدۇم بېسىلار ئۆلۈم تەشۋىشىدە.


ئېزىلىپ تاس قالغانتىم ئۆلۈشكە ياش چېغىمدىن، قىينىلىپ پېتىپ قالدىم ئۈمىدسىزلىككە دەھشىتىڭدىن.


يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان! بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق! ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى. بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز!


خۇددى بايرام ئۈچۈن مېھمان تەكلىپ قىلغاندەك، دۈشمەن يىغىپ ئەتراپىمغا، ھۇجۇم قىلدۇردۇڭ بىزگە. سەن غەزەپلەنگەن كۈنى ھېچكىم قۇتۇلالمىدى ھەم ھېچكىم ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمىدى. دۈشمەن قىرىپ تاشلىدى مەن تۇغۇپ، باققان بالىلارنى.»


ئۇنى تۇتماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈمىدسىزلىنىدۇ. كىشىلەر ئۇنى كۆرگەن ھامان قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەۋەرنى يەھۇدىيەگە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە ئۇقتۇرغىن: ‹پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چېلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلاڭلار، خەلق يىغىلسۇن! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرسۇن!


پەرۋەردىگار: «شۇ كۈنى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار ئۆز جاسارەتلىرىنى يوقىتىدۇ، روھانىيلار داڭ قېتىپ قالىدۇ، پەيغەمبەرلەر ھەيرانلىقتا قالىدۇ» دەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite