يەشايا 28:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 سىلەرنىڭ ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىڭلار بىتچىت بولىدۇ. سىلەرنىڭ گۆر بىلەن تۈزگەن توختىمىڭلار بىكار بولىدۇ. دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلگەندە، سىلەر يەر بىلەن يەكسان بولىسىلەر. Gade chapit la |
لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە، ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن توپلىنىۋاتىدۇ، خۇددى سۇ ئۆرلەۋاتقاندەك. ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. پۈتكۈل زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەر كەلكۈندە قالىدۇ، شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ. بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ.